تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى مۇساپىدە جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر توققۇز جەھەتتىن خۇلاسىلىنىپتۇ، ئۆتكەن بىر يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى 12 جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ئاساسلىق ۋەزىپىلەر 12 جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، ئۆتكەن بەش يىللىق ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن چوڭقۇر تەسىراتلار ئالتە جەھەتتىن يىغىنچاقلىنىپتۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مەسىلە، خىرىسلار يەتتە جەھەتتىن تەھلىل قىلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ. نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەتراپلىق خۇلاسىلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا ئەينەن تەھلىل قىلىنىپتۇ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىكى پىكىر يولى ئېنىق، ۋەزىپە روشەن، ئۆز قۇرۇلۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلغان، تەدبىرلەر كونكرېت بولۇپ، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، بۇ دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

خې جۇڭيوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشنى يولغا قويۇش جەھەتتە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادتا مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر قىسىم ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. سانجى ئوبلاستى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى؛ شەرقىي جۇڭغار دۆلەت دەرىجىلىك كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى؛ يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى؛ زامانىۋى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پاختا، ئاشلىق قاتارلىق ئەۋزەل خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىللاشقان، ئەلا سۈپەتلىك بولغان، خاسلاشقان، ماركىلاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.