تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى، يەلكەن چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

يىللار ئالماشتى، بارلىق شەيئىلەر يېڭىلاندى.

1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شىنجاڭ خەلق سارىيى، بىر يىل ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدۇق، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلدى. 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان ھەر سەپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى روھنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

«تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، چەكسىز ھاياجانلاندىم ھەم زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ۋەكىل بەي لى مۇنداق دېدى: يېڭى ئۈمىد ۋە بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن زور ئۈمىدكە تولدۇق!

يىغىن مەيدانىدا، دۆلەت گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، قىزىل بايراقلار جۇلالىنىپ تۇراتتى، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دوكلات بېرىش مۇنبىرىگە چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، نەتىجىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى −

مۆلچەرلىنىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 ئېشىپ، شەھەر ـ بازار، يېزا ئاھالىسى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %4.5، %8.4 ئاشىدىكەن؛ ئاشلىقتىن ئۇدا يەتتە يىل مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشىدىكەن؛ شەرقىي جۇڭغار، قومۇل مۇھىم نۇقتا قىلىنغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، توپلاشتۇرۇش رايونى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىدىكەن؛ قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن؛ شەھەر ـ بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن...

بەش يىل ئاسانغا توختىمىدى، بۇلتۇر تېخىمۇ شۇنداق بولدى. 2022 ـ يىلى، كۆزلىمىدىن ھالقىغان خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار كۆپ بولدى، چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، كۆپ قېتىملىق يۇقۇمنىڭ زەربىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشىنى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«سان ـ سېپىر، ئەمەلىي ئىش، نەتىجىلەرگە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن».

«ئۆتكەن بەش يىلدا، تۈرلۈك خىرىس ۋە بېسىم ئالدىدا، بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسانغا توختىمىدى».

«كۈرەش يولى گەرچە جاپا ـ مۇشەققەتكە تولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈرەش ئىرادىسى بىزنى يېڭى تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ!»

سەھنە بىلەن سەھنە تۆۋىنىدە، ئىدىيە ماس قەدەمدە بولدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ياڭرىدى، بۇ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئورتاق تونۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈمىد ۋە ئىرادە.

باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى! يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭ يەلكەننى ئېگىز چىقىرىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە سىڭىشىدۇ؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە مۇجەسسەملەيدۇ؛ بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ...

ھەربىر قەتئىي نىشان، ھەربىر جاراڭلىق سۆز، ھەربىر ئېنىق يول ۋەكىللەرنىڭ قەلبىدە پات ـ پات ھاياجان ھېسلىرىنى ئۇرغۇتتى.

«دوكلاتتا باش تېما روشەن، نىشان ئېنىق، مەزمۇن مول بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى چالدى.» يىغىن مەيدانىدىن چىققاندىن كېيىن، ۋەكىل ماۋ گوفېڭ ھاياجانلاندى، ئۇنىڭدا بىر خىل «ئولتۇرۇۋالغىلى، ساقلاپ تۇرغىلى، ئاستىلىتىپ قويغىلى بولمايدىغان» تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشاننى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلالايدىغان ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرىمەن.

«دوكلاتتىن كونكرېت تەدبىرلەرنى، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش رىتىمىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.» ۋەكىل گۈلسايرا ماكەن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوكلاتتىكى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلەر بويىچە، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

ۋەكىل ئايگۈل ئەرشى مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلارنى ساغلام ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

پالاقنى كۈچەپ ئۇرغانلار مەنزىلگە ئاۋۋال يېتىپ بارالايدۇ، دادىللىق بىلەن ئىش قىلغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، ۋەكىللەر تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ قايتا ئاتلاندى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.