تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى نامايان قىلىنغان، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىيەت تولۇق، دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىي قوللىنىشچان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، ئىشەنچنى ئاشۇرىدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي دوكلات بوپتۇ، مەن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تىنچ ـ ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجە قەغىزىنى كۆرسەتتى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئالدىدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» ۋە «خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى كۆزلەپ، مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى خىزمەتنىڭ نىشان مەركىزى ۋە مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۈرۈمچىنىڭ بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.