تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 ـ قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 1 ـ قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)، 13 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى، يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 ـ قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ 13 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2 ـ قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ھەيئەت رىياسىتى ئەزاسى 120 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 114 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى(لايىھە)، 13 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى لايىھەلەر ۋە ئىسىملىكلەرنى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا ۋە پىكىرلىشىش ـ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ 13 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.