تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەرقايسى سەپلەردىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۈمىد ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئورتاق پىلانلىدى.

شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ، قىزغىن ئىدى، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، زۇمرەت ئوبۇل، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

ئىسمائىل تىلىۋالدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 كىشى. بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقانلار 517 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، ئۆتكەن بەش يىللىق ھەم 2022 ـ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە نىشان ـ ۋەزىپىلەر؛ ئۈچىنچى، 2023 ـ يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر؛ تۆتىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەن بەش يىلدا، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، 13 ـ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. 2022 ـ يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشى، تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇق.

ئەركىن تۇنىياز بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، كۈرەش نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، بىز بىر قاتار مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتلەرگە يۈزلەندۇق، نۇرغۇن ئالاھىدە ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان تۆۋەندىكىچە: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %9 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى %11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر ـ بازارلاردىكى تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %7 ئەتراپىدا، %8 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. يۇقىرىقى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، 12 جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش كېرەك: يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش؛ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداشنى سىجىل ياخشى تۇتۇش؛ خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلەش؛ بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش.

ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن بىرقىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلار بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.