تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز

شىنجاڭ دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، تور ۋە تور سىرتىدا جەمئىي 35 جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇسى قاتناشتى، 56 دۆلەت توردا بىۋاسىتە تارقاتتى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 36 كىشى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلار رايونى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى رەشىد نۇرئەمىر ئۆمەك باشلىقى بولدى، ئەزالىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، سۇرىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە - گېرتسېگوۋېنا، تۇنىس، سېربىيە، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە، ئومان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلدى، بۇ، كۆپ دۆلەتنىڭ ئىسلام دىنى زاتلىرى، ئالىملىرى ۋە سابىق سىياسىي ساھەدىكى مۇھىم ئەربابلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى، ئالتاي، قەشقەردىن ئىبارەت ئۈچ جايدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ئەلىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلىق كۆرۈنۈشى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. نەق مەيدان زىيارەت سىن كۆرۈنۈشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆمەك باشلىقى ئەلى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشقا ئەزالىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت تەسىراتىنى ئىپادىلىدى ھەم بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدىن پەرق بەك چوڭ بولغان شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

نۇرغۇن تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت سىن كۆرۈنۈشلىرى سىرتقا تىنچ - ئىناق، سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. بىر مۇخبىر ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەلدى، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا بارسا، قانداق ئالاھىدە ساياھەت تۈرلىرى ۋە پائالىيەتلەرنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى سورىدى.

«شىنجاڭدىكى 84 قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى». ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارىتا <B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش>نى يولغا قويۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسىتى تەڭشەلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ، قار - مۇزغا پۈركەنگەن چۆچەكلەردىكىدەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھېس قىلالايدۇ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلىشىنى قارشى ئالماقتا.

شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: قار - مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكى ياخشى بولۇشتىن سىرت، شىنجاڭدا يەنە خەلق ئۆرپ - ئادەت مەنزىرە نۇقتىسى، قار - مۇز مەنزىرە رايونى، ئارشاڭ قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان «قار - مۇز تەنھەرىكىتى+قار - مۇز سەيلىسى+خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلىش+خاس كوچا رايونى+ئارشاڭدا سۇ بىلەن داۋالىنىش»تىن ئىبارەت بىرىكمە كۆپ مەنبەلىك قار - مۇز ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بار، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك دوستلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.