تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسى، مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتاكا سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيەمىز جەزمەن ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، 18 - قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، بىز پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، لېكىن پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا جەزمەن يېڭىشكە تېگىشلىك قاتتىق قىيىنچىلىق. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بوشىشىپ ئارام ئېلىۋېلىش، چارچاپ جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتىدا بولساق ھەرگىز بولمايدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز شەرت.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاساس سالىدىغان مۇھىم بىر يىل. باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى مۇساپىنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، سىياسىي نازارەتچىلىك پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان كۈچلۈك تەدبىر، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتكەندىلا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ نىشاننى بىردەك قىلىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش − پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى گېپىدە تۇرۇپ ئاممىنى قايىل قىلىش تەدبىرى بولۇپ، پەقەت دائىم بوشاشماي تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات ياراتقىلى، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ئىنتىزام پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئۆلچەم»، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىگە چەكلىمە قويۇشتىكى ئۆلچەم ۋە قوللانما، پەقەت قاتتىق تەلەپنى پارتىيە قائىدىسى تۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيەدە قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، ئېشىش مىقدارىنى توسۇش، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، پەقەت چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت مەۋجۇت بولسىلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىشقا بولمايدۇ؛ پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پەقەت تۈرلۈك نازارەتچىلىك كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈش، تەرتىپنى ماسلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يۇغۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقاندىلا، ئاندىن ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزگىلى بولىدۇ.

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۈچلۈك سىياسىي نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كونكرېتلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، تىنما نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەقىقىي تۈردە راۋانلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قەتئىي بوشاشماي مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى تۈزەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەم پولاتتەك ئىنتىزامنى تېخىمۇ چىڭىتىش، ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش، ھەم كادىرلارنى ئەھمىيەت بېرىش، ھوشيار بولۇش، چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەربىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، نازارەتچىلىك ۋە چەكلىمە بولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارا بېرىشنى جازالاشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «ئارقا كۆرۈنۈشى بار» ئاشۇ «سىياسىي ئالدامچى»لارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك؛ پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر شەمشەرنى بىلەپ تېخىمۇ نۇرلۇق پارقىرىتىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دائىملىق چۆچۈتۈشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە باشتىن - ئاخىر ئاتاكىدا ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈشى كېرەك.

يېڭى مۇساپە شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر. پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماي ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتساقلا، 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەمىز چوقۇم ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ يارقىن سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.