تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار» (لايىھە)نى قاراپ چىقتى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»نى قاراپ چىقتى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىندا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 14تە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك جەھەتلەردىكى تەكلىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى قىيىن نۇقتىلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار ھەمدە باشقا جەھەتلەردىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىش كېرەك. تەكلىپ بېرىشتە بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بولۇش، مەزمۇنى ئىخچام، مېغىزلىق بولۇش، مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۇتۇش، تەكلىپلەرنىڭ تەرتىپى ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«لايىھە»دە تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش شەكلى، ئاساسىي تەلىپى، تەكشۈرۈپ تەكلىپ تۇرغۇزۇش شەرتى، تاپشۇرۇلۇش شەكلى ئېنىق بەلگىلەندى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تەۋەلىك بويىچە بېجىرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى مەركەزلىك ھالدا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.