تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەش يىلدا 3318 پارچە تەكلىپنى بېجىرىپ جاۋاب قايتۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدە، جەمئىي 4022 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3318 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولدى.

بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكىلەر %46.8نى، سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكىلەر %18.6نى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىلەر %5.0نى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكىلەر %26.7نى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈرىدىكىلەر %2.9نى ئىگىلىگەن؛ ئەزالار بەرگەن تەكلىپ 2622 پارچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى بەرگەن تەكلىپ 639 پارچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى بەرگەن تەكلىپ 57 پارچە بولۇپ، كوللېكتىپ تەكلىپ ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %20.9ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %6.5 يۇقىرى بولغان.

بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، پائال تۈردە تەكلىپ ئارقىلىق ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار تەكلىپلەردىكى توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلارنى پائال تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەدبىر تاللاش تۈرىگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 1554 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، خاس، ئەۋزەل باغ - ئورمان كەسپىنى زورايتىش، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 617 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇر كۈچەيتىش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 166 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى شىنجاڭنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى يېرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم ئاممىۋى مەدەنىيەت تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قار - مۇز كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلىرىدە گەۋدىلەندى.

جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 885 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەردە گەۋدىلەندى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ساھەلەردە بېرىلگەن 96 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.