تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى سەپەرگە ئورتاق ئاتلىنىپ، يېڭى بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئېچىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاممىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر يەرگە جەم بولدى.

بۇ، ئۈمىدكە تولغان يېڭى مۇساپە. ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

بۇ يىل، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باشلايدىغان يىل. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، يېڭى مۇساپە يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى كۈتمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى شۆدۇڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەپسىلىي ئوقۇپ مۇھىم نۇقتىلارنى سىزىپ چىقتى: «دوكلاتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>نى مۇھىم مەسئۇلىيەت دەپ بىلىش، <خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر>نى ھەرىكەت يۆنىلىشى قىلىش كېرەك».

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يىغىن باشلاندى. نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ھەربىر تۈرلۈك نەتىجە، ھەربىر سان - سېپىر ئەزالار چىن ھېسسىيات بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان دەقىقىلەرگە گۇۋاھ بولدى.

«جەمئىي 4022 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، 3318 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100 بولدى.» دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى بۇ بىر گۇرۇپپا يارقىن سانلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گاۋ جيەنجۈننى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۈنۈملۈك بېجىرىلدى. بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. بۇ يىل مەن يېڭى ئېنېرگىيە ساقلاش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

«دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپتۇ ھەم كەلگۈسى بەش يىلدىكى خىزمەتلەر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ كەلگۈسىدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى ھەم خىزمەت يۆنىلىشىم ۋە نىشانىمنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىم.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى لىڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پايدىلىق تەكلىپ، ئەمەلىي مەسلىھەت بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاڭ ۋېنكەي دوكلاتنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىپ ئوقۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە پىلانلىدى، «بۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش داۋامىدا، مەن دوكلاتتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەرقايسى ئەزالار بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمەن».

دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ياخشى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «سۇچىلىق ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىش دەل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جياڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەركىزىي نۇقتا، بۇ قېتىم، ئۇ سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئالاقىدار تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئېلىپ كەلدى. «بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى پۇختا سۇچىلىق تىرىكى، سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز» دېدى ۋاڭ جياڭ.

يىغىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ئامىنە توختىنىڭ قەلبىدە يەنىلا ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇردى. «يىغىن مەيدانىدىكى ئالقىش سادالىرى بىزنىڭ ئورتاق يۈرەك سادايىمىزنى ئىپادىلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ خەلق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى ئامىنە توختى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا، قۇياش نۇرى چاقناپ، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. كۈرەش بۇرغىسى يەنە بىر قېتىم چېلىندى، ئەزالار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن، بىر نىيەتتە مەردانە قەدەم تاشلاپ كەلگۈسىگە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.