تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى

يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى قاتارلىقلار بېكىتىلدى بۇ قېتىمقى يىغىن 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىن ۋاقتى بەش كۈن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 72 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 66 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، زۇمرەت ئوبۇل، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، يىغىننىڭ 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېپىلىدىغانلىقى، يىغىن ۋاقتىنىڭ بەش كۈن بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سايلاپ چىقىلدى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ - لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەم ئۇلارنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتىنى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.