تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى يىغىننىڭ قارالمىسى ماقۇللاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 510 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەر ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چىڭ، قادىلبېك قامزا، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.