تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

كۈرەش قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن قەرەلىدە ئېچىلدى. كەلگۈسى بىرنەچچە كۈندە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە دىققەت نۇقتىسى ئىككى يىغىنغا مەركەزلىشىدۇ. ئىلگىرى قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟ كەلگۈسىدە قانداق ئىشلەش كېرەك؟ كىشىلەر ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىگە ئىككى يىغىندىن جاۋاب تاپالايدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، يىغىنغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىققا چۆمدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر پائال ياخشى ئىشلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

«بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك.» ۋەكىل ئوروزالى قاشقارباي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن مۇقەررەكى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي پىلانلاپ، بىرىكمە كۈچنى توپلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى، خەلقنىڭ ئارزۇسى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋاڭ رۇڭشىن مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، «ھەرىكەت لايىھەسىدىكى ھەربىر تەدبىر ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى ھەقىقىي ئويلىشىلىپتۇ».

قاراماي شەھىرىمۇ بۇلتۇر تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى 42 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى. «<بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش> ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئىلگىرى كارخانىنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ئىككى كۈن ۋاقىت كەتكەن بولسا، ھازىر 15 مىنۇتتىلا بېجىرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىجىل ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ، بىزنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىگە ئىگە قىلدى!» دېدى ۋاڭ رۇڭشىن.

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى.

«خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەربىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈش شىنجاڭ ئىسلاھاتىدا دىققەت نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىغا تەكرار - تەكرار ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بىر بىرلەپ ئۆزگەرتمەكتە.» ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئەزا جاڭ خەيفېڭ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، مۇھىت ... ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەر ھەقىقىي زور بەخت. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن سۆزلەپ، پۇقرالار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئامما دائىم غەم قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىشلار، ھەر كۈنى ھېس قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلارنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمەن.

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش

ئاساس گۈللەنسە ھەممە كەسىپلەر روناق تاپىدۇ. مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە تورى خەلق ئىگىلىكى تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كۈچلۈك تىرىكى.

يەرشارىدىكى قۇملۇقنى ئايلىنىدىغان تۇنجى تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى تولۇقلاندى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۈچىنچى تاشيولدا قاتناش باشلاندى؛ «بۇلۇت ئۈستىدىكى ناھىيە» تاشقورغاندا شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى ئايرودۇرۇم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... قاتناش ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىل چېن جيې شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بىر قاتناش - تىرانسپورت تورى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز يېيىلماقتا.» چېن جيې مۇنداق دېدى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم قاتناش تۈرلىرىنى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ ماس تەرەققىياتى، قاتناش - تىرانسپورتتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يول تورىنىڭ يۈرۈشۈش مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى كەسىپتە، كەسىپنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچى كەسىپ زەنجىرىدە. شىنجاڭنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا.

ۋەكىل شې ياخۇي سانجىدىكى يېزىدا چوڭ بولغان، چوڭ بولغاندىن كېيىن قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى تاللاپ، بىر دېھقان كارخانىچىغا ئايلانغان.

«شىركىتىمىز <چوڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، چوڭ ئىشلەپچىقىرىش، چوڭ ماركېتىڭ>تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى يادرو قىلغان سودا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغان، ئۆزىگە خاس ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھوقۇقىغا ئىگە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ 169 خىل ئەلا سورتىغا ئىگە، 128 خىل مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە سورتى بار بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.» شې ياخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇقچىلىق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئۇرۇقچىلىق ماكانى بەرپا قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سانجى ئۇرۇقچىلىقىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمىز.

تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش

«بۇلتۇر مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟» ئەزا مەمەتجان داۋۇت تەكلىپنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يىغىن ئارىلىقىدا قەشقەر داشۆسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

«ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇچى دۆلەت، جەمئىيەتكە، يەنە بىر ئۇچى مىليونلىغان ئائىلىلەرگە تۇتاشقان بولۇپ، <ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش>تىكى ئەڭ مۇھىم ئىش.» مەمەتجان داۋۇت ئۇزاق يىل كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەش ئىزچىل ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي كەسپىي تېخنىكوملار كەسپىي پىلان بويىچە تەربىيەلەش دەرسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى، كەسىپ تاللاش قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ مەكتەپلەرگە مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك.

ۋەكىل پەرھات قاسىم تۇرۇشلۇق كورلا شەھىرى چارباغ يېزىسىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدە، نەشپۈت كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى... يېزا - كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى تۈرتكىلىك رولى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى.

«كىرىمىمىز يىلدىن - يىلغا ئېشىپ، تۇرمۇشىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشىلاندى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا يۇرتداشلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى.» پەرھات قاسىم يېزىلارنىڭ، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلار، يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!»

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو لىڭ، جاڭ يەنفاڭ، پەرىزات ئابدۇل)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.