تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

□ شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

يىللار تەرتىپ بويىچە ئالماشتى، شانلىق سەھىپە كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى. بۈگۈن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پىلانلايدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. بۇ، ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان يىغىن بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۆتكەن بەش يىللىق كۈرەش يولىغا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىلەرگە يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۈزۈم جەھەتتىن، قانۇن جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى؛ نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى مۇھىم قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ خەلق ئاممىسى ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى قاتارلىقلارنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ۋە دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا كونكرېت، رېئال ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىدا.

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم بىر يىل. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى مۇساپىنى بەلگىلەيدۇ. يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، بۇ قېتىمقى يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.