تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئېچىلدى

ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

جارۇللا ھېسامىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى ياڭ يۇڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

يىغىن مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن، تەنتەنىلىك بولۇپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ما شىڭرۇي، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيۇۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 523 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 486 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىن بۇيانقى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى؛ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى؛ مەركىزىي ھالقىنى ئىگىلەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىدى؛ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تېخىمۇ سۈپەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتا، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مۇجەسسەملەشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە توختاپ قالماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى باشلىنىدىغان يىل. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپىنى كۆزلەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى مۇھىم مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، «خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى ھەرىكەت يۆنىلىشى قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ ياخشى تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ياڭ يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 4022 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 3318 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى. تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىپ جاۋاب قايتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن بىرقىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان باش ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.