تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى​

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 191 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە سىجىل كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىش» مېخانىزمى ۋە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا پاتېنت نەتىجىلىرىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنما سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش - ئىشلىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بىلەن تولۇق قاپلاشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئىناۋەتلىك شىنجاڭ»دىن ئىبارەت بۇ ئىسىم كارتىسىنى چاقنىتىش كېرەك. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بىۋاسىتە، تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قالدۇرۇش بىلەن تۇرغۇزۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە زىچ سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ يېتەكلەش رولى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى كۆمۈر، توك، گاز، ماي، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ يېتەرلىك، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئېنىقلاش ۋە يوقلاش، ھال سوراشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى باھار بايرىمىنى بەختلىك، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.