تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي 2022 - يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش، باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك​

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2022 - يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش، باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم خىزمىتىدىن مەلۇمات بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى قوللىنىپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا بەخت يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت ئۈنۈمىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا، مەھەللە، ئورگان، دۆلەت كارخانىسى، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى سەپلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تۈزەپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىدار، ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش جەريانىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى ياخشىلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شۇجى چىڭ تۇتۇش، شۇجىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا، خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەن يولداشلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىلدى.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بويىچە كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا» ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.