تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2023- يىللىق «ئىككى يىغىن ۋاقتى» باشلاندى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن تىزىمغا ئالدۇردى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار گۇەن مېڭيىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بېرىپ، يىغىنغا تىزىمغا ئالدۇردى. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ئۇلار ئەزالىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ھەم ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىدۇ.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

مۇخبىر تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا يىغىنغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە يىغىن ماتېرىياللىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئالاقىدار يىغىن ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەزا تاقەتسىزلىك بىلەن تەپسىلىي ئوقۇشقا باشلىدى، شۇنداقلا ماتېرىيال مەزمۇنى ھەمدە پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ بېرىپ يىغىنغا تىزىمغا ئالدۇردى.

ئىختىيارىي مۇخبىر گو بىڭ فوتوسى

«ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مائارىپ جەھەتكە تېخىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىمەن.» تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى باقىتگۈل يۈسۈپ يىغىنغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چىقتى. ئاساسىي قاتلام مائارىپ ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بۇ قېتىم يىغىنغا قاتنىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، نىلقا ناھىيەسى نەسىللىك ھەسەل ھەرىسى مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى جاڭ خەيفېڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئىنتايىن ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى. «ناھايىتى ھاياجانلاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدىم. يېڭىدىن سايلانغان سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئەزالىق مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئەستايىدىل كېڭىشىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، پائال تۈردە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىمەن» دېدى جاڭ خەيفېڭ.

«مېنىڭ بۇ يىلقى تەكلىپىمدە دىققەت ئاساسلىقى قانۇنچىللىق، مائارىپ قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىدىم، تەكلىپىمنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، ناھايىتى تېز ئەمەلىيلىشىپ ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن يۈخۇا مۇنداق دېدى: كۆپ قېتىم يىغىنغا قاتناشقان «پىشقەدەم ئەزا» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەم چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، ھەم مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. «مەن بۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پائال مەدەت بېرىپ ۋە كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىمەن».

ئەزالار ئۆزئارا تەكلىپ مەزمۇنى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، يېڭى بىر يىلدىكى تەرەققىياتقا تەلپۈندى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.