تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبتا شېكەر قومۇش، شىمالدا قىزىلچا بار، شىنجاڭنىڭ قىزىلچىسى شۇنچە قالتىس

كودنى سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

جۇڭگونىڭ شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدە ئەزەلدىن «جەنۇبتا شېكەر قومۇش، شىمالدا قىزىلچا» دەيدىغان گەپ بار. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق قىزىلچا شېكىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلىمىز قىزىلچا تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، قىزىلچا شېكىرى مەھسۇلات مىقدارى ئېلىمىز قىزىلچا شېكىرى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %45ىنى ئىگىلەيدۇ.

18 - ئەسىردە گېرمانىيە ئالىملىرى قىزىلچىدىن شېكەر ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭدىن كېيىن تېزلىكتە تۈگۈنەك يىلتىزى يوغان، يىلتىزىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى قىزىلچا سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، بۇ، قىزىلچا ئۆستۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى.

قىزىلچا لويلا ئائىلىسى قىزىلچا ئۇرۇقدىشىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى كونۇسسىمان ھەم ئۇرچۇقسىمان، شىرنىلىك، پوستى قىزىل، سۆسۈن، ئاق، سۇس سېرىق قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. قىزىلچا خىلوروپلاست ئىچىدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ، شەكىللەنگەن قومۇش شېكىرى خىلوروپلاست ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، نېپىز دىۋارلىق ھۈجەيرە قىزىلچا يىلتىزىدا قومۇش شېكىرىنى ساقلايدىغان ئورۇن بولۇپ، قەنت نىسبىتى ئادەتتە %16تىن %20كىچە بولىدۇ. قىزىلچا شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يوغان يىلتىزى ئاق تۇرۇپقا ئوخشايدۇ، شۇڭا «تاتلىق تۇرۇپ» «قەنت تۇرۇپ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگو قىزىلچىنى كەڭ كۆلەمدە كىرگۈزۈشكە باشلىغان، ئەڭ بۇرۇن شەرقىي شىمالدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىغان، كېيىن شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلاردا تەرەققىي قىلدۇرغان. شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل رايون بايلىقى، كىلىمات بايلىقى، يەر بايلىقى ۋە بىرقەدەر مۇكەممەل يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قىزىلچا تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، قىزىلچا كەسپى شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتى.

شىنجاڭ قىزىلچىسى ھوسۇلى ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. شىنجاڭ قىزىلچىسىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى تۆت توننىدىن ئالتە توننىغىچە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ھوسۇلىدىن %20تىن كۆپرەك يۇقىرى، يۇقىرى ھوسۇللۇق رايونلاردا مو بېشى ھوسۇلى سەككىز توننىدىن توققۇز توننىغىچە، شېكەر مىقدارى ئادەتتە %16تىن %18كىچە بولۇپ، يۇقىرىلىرىنىڭ %20تىن كۆپرەككە يېتىدۇ. تېرىش رايونلىرى ئاساسلىقى ئىلى دەرياسى ۋادىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، شىمالىي شىنجاڭدا تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى سانجى، شىخەنزە، جەنۇبىي شىنجاڭدا تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدەپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن جەمئىي 15ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭلياڭ شېكەرچىلىكىنىڭ قارىمىقىدىكى سەككىز شېكەر زاۋۇتى، بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت شېكەر زاۋۇتى، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئۈچ شېكەر زاۋۇتى بار.

قىزىلچا كەسپى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. قىزىلچا نۆۋەتتە يەنە دۆلىتىمىزنىڭ يېمەكلىك شېكىرى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان زىرائەت بولۇپ، شېكەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، قىزىلچىنىڭ قوشۇمچە ھاسىلاتىنى يەم - خەشەك پىششىقلاش، ئېچىتقۇ ياساپ تەييارلاشقا ئىشلەتسە بولىدۇ، ناھايىتى يۇقىرى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ قىزىلچا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە ئۈنۈمى جۇڭگودا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، قىزىلچا شېكىرى كەسپىدە دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش كەسىپلەر ئىچىدە يەر تۈزلەش، تېرىش، چاغلاش، ھوسۇلنى يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن جەرياننىڭ ماشىنىلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. قىزىلچا كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشقان يېزا قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جياڭ لەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.