تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇمەن نېفىتلىكى قېزىلغانسېرى بايلىققا تولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

ئالتە يۈرۈش نېفىت - تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسى تولۇق ئايلىنىپ، كۈنىگە 8000 توننىدىن ئارتۇق خام نېفىت، 2 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىندى. 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، تارىم نېفىتلىكى خادې نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونى فۇيۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مەركىزىدە، نازارەت قىلىش چوڭ ئېكرانى ئالدىدىكى خىزمەتچىلەر نېفىت - تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتاتتى.

فۇيۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مەركىزى شايار ناھىيەسىنىڭ خادېدۇن بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى تۇتاش كەتكەن ئېگىز - پەس قۇم دېڭىزى ئىدى. فۇمەن نېفىتلىكىدىن قېزىلغان نېفىت سۇيۇقلۇقى بۇ يەرگە يىغىپ توشۇلۇپ، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈلۈپ، سۇسىزلاندۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن خام نېفىتقا ئايلىنىدۇ، تەبىئىي گاز گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈلۈپ، سۇسىزلاندۇرۇلۇپ، ھىدروكاربونسىزلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۆۋەن ئېقىندىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى تەمىنلەيدۇ. «بىز فۇمەن نېفىتلىكىدىكى بارلىق خام نېفىت ۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق.» تارىم نېفىتلىكى خادې نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونى فۇيۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دىرېكتور جاڭ ۋېنيۆ مۇنداق دېدى: ھازىر دەل قىشلىق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، كۈندە بىر تەرەپ قىلىنغان تەبىئىي گاز ئاز دېگەندە 2 مىليون 400 مىڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشتا تەبىئىي گاز ئىشلىتىشتىكى بىر كۈنلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

فۇمەن نېفىتلىكى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر ئۈزۈلمە قاتلامدىكى كاربونات كىسلاتالىق تۇز جىنسلىق نېفىتلىك، 2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە، فۇمەن نېفىتلىكى ئېچىلغاندىن بۇيان نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى جەمئىي 10 مىليون توننىدىن ئاشتى. 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، يىللىق نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 95 مىڭ توننىغا يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر يەر ئاستى ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئەڭ تېز نېفىتلىك بولۇپ قالدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، فۇمەن نېفىتلىكى ئون يىل ئىلگىرى تېخى «كىچىك جاي» بولۇپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىدا ئاندىن يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان. 2021 - يىلى، تارىم نېفىتلىكى فۇمەن رايونىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ گېئولوگىيەلىك قانۇنىيىتىنى ئېنىقلاپ، 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك زاپاس كۆلەمدىكى يېڭى رايوننى بايقىغان، شۇ يىلى «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئون چوڭ قۇرۇلۇشى» قاتارىغا كىرگەن.

فۇمەن نېفىتلىكىدىكى نېفىت - تەبىئىي گازلار چوڭقۇرلۇقى 7500 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىرغىچە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامغا كۆمۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ يەردىكى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا قىزغىن كەيپىيات ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، قۇم دېڭىزىدا بۇرغا قۇدۇقلار رەت - رەت تىزىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى يىغىش، يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەلىرى شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلدى، قاتار - قاتار نېفىت - تەبىئىي گاز قۇرۇلمىلىرى ۋە مەيدان، پونكىتلار ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ، «توغرىسىغا سوزۇلغان ئىككى لىنىيە، ئۇزۇنسىغا سوزۇلغان ئىككى لىنىيە، ئىككى مەركەز» يەر يۈزى سىستېمىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 مىڭ توننىلىق ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

2022 - يىلى، تارىم نېفىتلىكى فۇمەن نېفىتلىكىگە 69 يېڭى قۇدۇق ئورۇنلاشتۇردى، نېفىت - تەبىئىي گاز تەركىبىلىك دائىرە ئۈزلۈكسىز تۈردە «غەربكە ئۇزارتىلىپ، شەرققە كېڭەيتىلىپ، جەنۇبقا كىرگۈزۈلۈپ، چوڭقۇر ئېچىلىپ»، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىدە ئېشىشى ساقلاندى.

«ھازىر، فۇمەن نېفىتلىكى <قېزىلغانسېرى كېڭەيمەكتە، قېزىلغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا، قېزىلغانسېرى بايلىققا تولماقتا>» دېدى تارىم نېفىتلىكى نېفىت - تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇڭتاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.