(84 - نومۇرلۇق)
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى» «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى 550 نەپەر بولۇپ، 50 سايلام ئورنى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 546 ۋەكىلىنى سايلاپ چىقتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37 - يىغىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلات»قا قوشۇلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سايلانغان 546 نەپەر ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.
ئالاھىدە ئېلان قىلدۇق.
2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى