(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش چارىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37 - يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى: گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىنى ئۆتەپ تۇرىدۇ.
گاۋ جىمىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىنى ئۆتەپ تۇرۇشىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللاش شەرت.