(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش چارىسى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37 - يىغىنى لى يۇڭجۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىدىن سورىغان ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.
لى يۇڭجۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلۇشى شەرت.