تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەملىكەتلىك يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2022 - يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، 2023 - يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھادىسىنى توسۇش، تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دىققەتنى كان، ئوت مۇداپىئەسى، يول قاتنىشى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، شەھەر بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىستېما تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش، دەلىللەش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېقىلغۇ گاز كونا تۇرۇبا يولىنى يېڭىلاش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت ۋىۋىسكا ئېسىش، ساھە ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، تاراتقۇلار ئاشكارىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 1 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەت خەۋپ - خەتىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى كۈچلۈك سەپلەپ، قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرگە مەسئۇل تارماقلار «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچنى جەزمەن قىلىش»تىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تۈزىتىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋەقە ئۇچۇرىنى يوللاشنى چىڭىتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باھار بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىستىلىش، دەسسىلىش، ئوت ئاپىتى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم، ئىناق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەر تەۋرەش، قېلىن قار، سوغۇق ئېقىم قاتارلىق ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.