(2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى تۆۋەندىكىلەرنى قارار قىلدى:
1. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالار كۆلىمى 530 نەپەر، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كۆلىمى 121 نەپەر.
2. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى تەسىس قىلغان ساھە 30 بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3 ـ سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار بىرلەشمىسى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگولۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت ـ سەنئەت ساھەسى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسى، ئىقتىساد ساھەسى، يېزا ئىگىلىك ساھەسى، مائارىپ ساھەسى، تەنتەربىيە ساھەسى، ئاخبارات ـ نەشرىيات ساھەسى، تېببىي دورا ـ سەھىيە ساھەسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسى، مۇھىت ـ بايلىقى ساھەسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسى، دىن ساھەسى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان زاتلار.