(2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
«جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى» 57 ـ ماددىسىنىڭ 7 ـ تارمىقىدىكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەرلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يەرلىك كومىتېتلارنىڭ خىزمەت ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن:
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي قانۇنچىلىق ۋە شياڭگاڭلىق ـ ئاۋمېنلىق ـ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ـ چياۋمىن قېرىنداشلار ـ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى ئايرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شياڭگاڭلىق ـ ئاۋمېنلىق ـ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ـ چياۋمىن قېرىنداشلار ـ تاشقى ئىشلار كومىتېتىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.