(2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ يىغىنىنى 2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىشنى قارار قىلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ھەققىدە تەكلىپىمىز: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە 12 ـ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلاش؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 ـ يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاش ھەم مۇزاكىرە قىلىش، باشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىش.