تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ھەمدە يىغىن قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى(لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالار كۆلىمى ۋە ساھەلەرنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ساھە تەسىس قىلىش، ئەزالار نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ھەمدە دوكلات بەرگۈچىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - قېتىملىق يىغىنىدا ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغان ئىشلارغا قاراپ چىقىشىغا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ئالاقىدار لايىھە ۋە دوكلاتلار تەرتىپ بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم باھا بېرىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتتى. بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، ئەزالار باشتىن - ئاخىر دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى ئىزاھلاپ، ياخشى تەدبىر، ياخشى ئۇسۇل ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، مول نەتىجىلەر ئارقىلىق قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، ھوقۇقنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىن تەشكىللەش ئارقىلىق يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

پېڭ جيارۇي، جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.