تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش توغرىسىدىكى قارارى

​(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى 2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا يولداش ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە يولداش ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2022 - يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بىر يىل بولدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، خىزمەتتە ساقلانغان پەرق، كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە دادىل توغرا قاراپ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تېپىپ چىقىپ قايتا ئويلىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، قابىلىيەتنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشتە يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە خىزمەت ئۈنۈمىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى كۈرەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق جەمئىيەت مۇھىتى ۋە ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھىم، زور ئاممىۋى ئەھۋال ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە بولغان ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىپ، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوشۇش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ ياخشىلىنىشى، جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. پاختا كەسپىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپى قۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىنى ئىلمىي ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» قاتارلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، قارامايلى، كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ئون چوڭ ھەرىكىتى» ۋە «ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئون چوڭ قۇرۇلۇشى»نى پۇختا يولغا قويۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ ئالاقىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. خەۋپ - خەتەر بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئۆي - زېمىن خەۋپ - خەتىرىنى پۇختا تۈگىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئېغىر، زور ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى مۇجەسسەملەپ، جانلىق - جۇشقۇن، تىنچ - ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە يۆنىلىشىنى يۆنىلىش، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر - ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش - كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلىنى سىجىل تۈزەش كېرەك. قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش، ئىستېمالنىڭ ياخشىلىنىشى، جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ياخشى تۇتۇش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق ئون نۇقتىلىق جەھەتتىن سىجىل كۈچەپ، كادىرلار دادىل نەتىجە يارىتىش، يەرلىك دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كارخانىلار دادىل ئىشلەش، ئامما دادىل ئىجاد قىلىشتەك قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىمى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشتا بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.