تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھال رەڭ پاختا يېتىشتۈرۈپ چىقتى

   نۇر گېزىتى بېيجىڭ 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى  مۇخبىر ياڭ شۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر گې شياۋياڭنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئورۇننىڭ كېۋەز مولېكۇلاسىنىڭ ئىرسىيىتىنى ياخشىلاش يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قىزىلچا قىزىل پىگمېنتىنى پاختا تالاسىغا توپلاپ، تالاسى ھال رەڭ كۆرۈنىدىغان پاختىنى يېتىشتۈرۈپ، گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل تۈردىكى رەڭلىك تالالىق پاختا يېتىشتۈرۈشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىگەن. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى توردا خەلقئارا ژۇرنال «ئۆسۈملۈك بىيو تېخنىكىسى»دا ئېلان قىلىنغان.

  بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئالدى بىلەن قىزىلچا قىزىل پىگمېنتىنى سىنتېزلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ئۈچ گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «جۇڭگو پاختا تەتقىقات ئورنى 49» كېۋەز سورتىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە قىلىپ، قىزىلچا قىزىل پىگمېنتى تەركىبى مول بولغان پاختا يېڭى ماتېرىيالىغا ئېرىشكەن. ئوخشاش بولمىغان گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى كونترول قىلىش ئاستىدا، پاختا تالاسى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا بىردەك ھال رەڭ فېنوتىپ كۆرۈنىدۇ ياكى پەقەت پاختا تالاسىدىلا ھال رەڭ كۆرۈنىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە يېتىلگەن تالادىكى قىزىلچا قىزىل پىگمېنتى مىقدارىنىڭ ۋاكۇئۇلىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ، رەڭنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىنكى قەدەمدە، پاختىدىكى قىزىلچا قىزىل پىگمېنتىنىڭ چۆكۈپ توپلىنىش، ئەمما يوقاپ كەتمەسلىك جەريانى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنىدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا قىزىلچا قىزىل پىگمېنتى تۇنجى قېتىم پاختىغا كىرگۈزۈلگەن ھەم مۇقىم ئىپادىلىنىپ چىققان، ئۇ پاختىنى تەگلىك جانلىق قىلىپ بىرىكمە بىيولوگىيە تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش بولۇپ، يېڭى تۈردىكى رەڭلىك پاختىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

2-، 3-قاتاردىكىلەر ھال رەڭ پاختا

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.