تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىش تەكلىپىنى بەردى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى

​ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىش تەكلىپىنى بەردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 63 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش تەكلىپىنى بەردى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 23 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 23 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 23 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە)، كۈنتەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى(لايىھە)، كۈنتەرتىپى(لايىھە)، سىرتتىن قاتنىشىش دائىرىسى(لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئاپپارات ۋە كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار(لايىھە) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 23 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش ماتېرىيالىنى تاللاش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى قاراپ چىقىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: 12 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك خاراكتېر ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ «سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىقتىدارى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

پېڭ جيارۇي، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.