تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات رامكىسىغا تىرەك بولدى

[ئىستون سۆزى]

ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قانداق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؟ بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز «ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» مەخسۇس ئىستونى ئاچىدۇ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئىقتىساد خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك قىزغىن ئەمەلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، 2023 ـ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئەمدىلا چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ شىنجاڭ قانداق قىلىپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا زىيارەت ئېلىپ باردى.

كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش

ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭ فۇلەي دەۋر ماركىسى مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، گۇرۇھنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ماركىسىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ پىكىر ئالماشتۇردى ۋە كېڭەشتى.

شىنيې گۇرۇھى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كارخانىسىغا ئايلىنىپ، كۆمۈرنىڭ خام ئەشيادىن ماتېرىيالغىچە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككىچە بولغان كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. ئاپتونوم رايون كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپى قاتارلىق <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى شىنيې گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ.

2022 ـ يىلى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆمۈرنىڭ «شەكىل ئۆزگەرتىشى» تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى پەيدا قىلدى.

كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى تياۋخۇ 1 ـ نومۇرلۇق كان قۇدۇقى قاتارلىق 11 كۆمۈركان تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 70 مىليون توننىدىن ئاشتى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 400 مىليون توننىغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 ئاشتى؛ كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي يولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى، سىرتقا توشۇلغان شىنجاڭ كۆمۈرى 80 مىليون توننا بولۇپ، بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى؛ ئىلغار كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى يانداش كۆمۈر ئېلېكتىر ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى تايانچ كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھازىرقى يولنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، پۈتۈن يىلدا سىرتقا يەتكۈزۈلگەن شىنجاڭ توكى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى...

بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت كىچىككىنە كەسمە يۈز. 2022 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل بايلىق يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش ھېكايىلىرى كۈندە دېگۈدەك بارلىققا كەلدى.

− نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلەر توپى يېتىشتۈرۈلدى، زورايتىلدى، شىنجاڭ نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، خام نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى.

− يېشىل كانچىلىق كەسىپلەر توپى پائال بەرپا قىلىندى، داخۇڭليۇتەن ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى، خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى قاتارلىق نۇقتىلىق كانلارنى ئېچىش تېزلىتىلىپ، قېزىلما بايلىقلارنى تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

− پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق باشلامچى كارخانىسى شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «تېرىش، ئۆستۈرۈش − يىپ ئېگىرىش − توقۇش − بوياش − كىيىم ـ كېچەك»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئاساسىنى ھازىرلىدى.

− ئاشلىق ـ ياغ كەسىپلەر توپى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاشلىق ـ ياغ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى مۇقىم ئۆستۈرۈلۈپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئۈچ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىقتا ھوسۇلنى ئۇدا يەتتە يىل ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش

كەسىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان يادرو ۋە ئۇل تاش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت نەزەرى بىلەن، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق بايلىق ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شۇۋېي.

كەسىپلەر توپى ئالاھىدە رايوندا رىقابەت ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان ھەم جۇغراپىيەلىك جەھەتتە مەركەزلەشكەن، ئۆزئارا باغلىنىشلىقى بولغان كارخانا، كەسىپلەشكەن تەمىنلەش سودىگىرى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، ئالاقىدار كەسىپلەردىكى زاۋۇت، سودىگەرلەر ھەم باشقا ئالاقىدار ئاپپاراتلار قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان توپنى كۆرسىتىدۇ.

«كەسىپلەر توپى كەسىپلەشكەن ئىش تەقسىماتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى نۇقتىسىغا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول» دەپ بىلدۈردى جۇ شۇۋېي.

شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىشىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكى بەلگىلىگەن.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت گېئولوگىيەلىك زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %15ىنى، جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %18ىنى، جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر بايلىقى مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %25ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەۋزەل رايون، شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئالاھىدە باغۋەنچىلىك بازىسى.

«بۇ ھەم تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى، ھەم كۈچەپ ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى بازار ۋە باھا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ چۈنيۈ مۇنداق قارىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى داۋاملىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كەڭ ۋە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تېخىمۇ پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلغىلى، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

2022 ـ يىلى، شىنجاڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئىستراتېگىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنىڭ سىياسەت سىستېمىسى خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، كۆمۈردىن ئولېفىن ھاسىل قىلىش، كىرېمنىيلىق يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق 16 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىنى سىجىل توپلىدى.

شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش

1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابېل كەسىپلەر باغچىسى 2 ـ قارارلىق تۈرىدە ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەندى، بۇ جاي غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ رەقەملەشكەن توك سىمى كابېلىنى توپلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

2022 ـ يىلى يېڭى بىر ئەۋلاد بىۋاسىتە سىم چىقىرىلىدىغان 1000 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىدە دۇنياغا كەلدى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتور تېخنىكىسىدا يەنە بىر قېتىم يېتەكلەش خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ يىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 1800 كىلوۋولتلۇق چاتما بوغۇملۇق سانائەت چاستوتىسىدا سىناق قىلىنىدىغان تىرانسفورموتور بىر قېتىمدىلا بارلىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش سىناقلىرىدىن ئۆتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت چاستوتىسى سىناق تىرانسفورموتورى تېخنىكىسى ۋە ياساش ئىقتىدارىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ياسىمىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتە.

«ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، <14 ـ بەش يىللىق> نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، 800± كىلوۋولتلۇق يۈرۈشلۈك قۇرۇق تۇراقلىق توك كىيدۈرمە تۇرۇبا قاتارلىق ئاچقۇچلۇق <گالنى بوغىدىغان> تېخنىكا ساھەلىرىدە مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بىز ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەر سىستېمىسىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.» ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن شۇنداق بىلدۈردى.

دىققەتنى ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ قۇتۇبى نەسىللىك كالا فېرمىسى چەكلىك شىركىتى ئوت ـ چۆپ تېرىش، سۈت كالىسى باقمىچىلىقىدىن تارتىپ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشقىچە بولغان پۈتۈن ھالقىنى ياخشى «تۇتاشتۇردى»، 2022 ـ يىلى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.19 ئاشتى، ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101.29 ئاشتى. بۇ يىل، بۇ شىركەت ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق سۈت كالىلىرى توپىنى كېڭەيتىش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قارىمىقىدىكى شىيۈچۈن سۈتچىلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارنى تىرىشىپ ئاچىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دىققەتنى «خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك قاتارلىق يەتتە چوڭ كەسىپنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خىلور ـ ئىشقار، 1، 4 ـ بۇتىل گىلىكول، پاختىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەر كۆلەم يۇقىرى نۇقتىسىنى ئىگىلەشتەك ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان ھاسىل قىلدى، كەسىپ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى مۇقىم ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك دۆلەت كارخانىسى بولۇپ قالدى.

«كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا ئەڭ ئەسقاتىدىغان، ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چارە.» شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق بىلدۈردى: گۇرۇھىمىز ھەقىقىي تۈردە «شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىندى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە تېز باش كۆتۈردى − شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇپراقتا «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلۈپ شەكىللەنمەكتە.

«زامانىۋى كەسىپلەر سىستېمىسى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تىرىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتقاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى كۈچ توپلاپ، سۇپا قۇرۇپ ئاساسنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ» دېدى ليۇ چۈنيۈ.

ھازىر، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «N+1+8» كەسىپلەر توپى تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يېتەكچى پىكرى، ھەرىكەت پىلانى ۋە لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى كونكرېت خىزمەت كۆرسەتمىسى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.