زىمىستان قىش پەسلىدە، يۈننەن ئۆلكىسى دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ساڭشەن تېغىنىڭ چوققىسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يېڭى يىل ئەمدىلا ئۆتۈشىگىلا فوتوگراف ساڭشەن تېغىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ياڭبى يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدە ساڭشەن تېغى چوققىسىدا كۆرۈلگەن «قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئۇچرىشىش» مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ساڭشەن تېغى چوققىسىغا كەچكى شەپەق نۇرى ئالتۇندەك چېچىلغان بولۇپ، ئېگىز چوققىغا «ئېسىلغان» تولۇن ئاي بىلەن ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
قېنى بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى ↓↓↓
«خەلق تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى