تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

7000 قېتىم! بۇلتۇر قورغاس پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 7000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن ئوڭۇشلۇق چىقتى. كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، ماشىنا زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار قاچىلانغان بۇ يۈك پويىزىنىڭ چېگرادىن چىقىشى بۇ پورتتا 2022 - يىلى يىل ئىچىدە قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پورتلار ئىچىدە 1 - ئورۇندا تۇرغانلىقىدىن، تارىختا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتى مىقدار جەھەتتىكى ئېشىشتا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. 2022 - يىلىدىن بۇيان، قورغاس پورتىدىن قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈك ساندۇقى نىسبىتى پۇختا قەدەمدە ئېشىپ، «يۈك بېسىپ بېرىپ، يۈك ئېلىپ قايتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش ئېھتىياجىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا قارىتا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قورغاس ۋوگزالى بىلەن تىرانسپورتنى بىرىكتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆمۈريول مال تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈش ھەم «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ئىككى قەدەم بويىچە ئىلتىماس قىلىش» «مۇددەتتىن بۇرۇن مەلۇم قىلىش» «مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش» قاتارلىق قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى بىرىكمە كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بىز <جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى+چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا> قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال قوللاپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ <شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش> سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ساڭ يۈنشيا.

نۆۋەتتە، قورغاس پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۈنىگە 19 قېتىم بولۇشنى ساقلاۋاتىدۇ، بېرىش مۇساپىسى 12 قېتىم، قايتىش مۇساپىسى يەتتە قېتىم. بۇ پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 76گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2022 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 20 بولدى.

دۆلىتىمىزدە جەمئىي بەش پورتتا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنايدۇ، قورغاس شۇلارنىڭ بىرى. 2016 - يىلى، قورغاس پورتىدا تۇنجى قېتىم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قاتنىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى. 2016 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، قورغاس پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 377 قېتىم، 834 قېتىم، 2055 قېتىم، 3403 قېتىم، 5024 قېتىم، 6362 قېتىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.