تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئۇزارتىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى ۋە ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىدىكەن.

ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2022-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى، سودا نازارىتى ۋە بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىبارەت بەش تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى ۋە ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئاپتوموبىل تىپىنى سېتىۋالغان شەخسىي ئىستېمالچىلارنى 4000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نەق پۇل ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ھەربىر ئاپتوموبىلغا 1000 يۈەنلىك ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىكە سىجىل كۈچ چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2023-يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بەش تارماق كېڭىشىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش پائالىيىتى ۋە ئاپتوموبىللارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقلانغان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.