تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2022 - يىلى ئارزۇ ئىشقا ئاشتى، 2023 - يىلى ھەممەيلەن ئارزۇسىغا يەتكۈسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېڭى يىل باشلىنىپ، بارلىق شەيئى يېڭى تۈسكە كىردى.

ۋاقىت ئالمىشىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز چەكسىز ھاياجانلاندۇق، قەلبىمىز لەرزىگە كەلدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2022 - يىلىغا نەزەر سالساق، جاپا - مۇشەققەت، خىرىس بىلەن كۈرەش قىلىش، تەرەققىي قىلىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر يىل بولدى.

بۇ بىر يىلدا، بىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلدۇق، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش بۇرغىسى چېلىندى.

بۇ بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلىپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىدا ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىدا مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان 2023 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى خۇددى قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە تەسەللى بولدى. بىز قىيىنچىلىقنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا، تاڭ نۇرىنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز، 2023 - يىلى، بىز كۈچ توپلاپ كۈچەش باسقۇچىغا كىردۇق!

تەرەققىيات ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلايمىز

يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تېخىمۇ مۇھىم «ئىشەنچ» ئاساسى. 2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلىدا ئۈچ ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇدا يەتتە يىل ھوسۇلنىڭ ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تاماق قاچىسى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇلدى.

ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈزگى بۇغداي قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىگە ئوڭۇشلۇق كىردى، لېكىن ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ئىزچىل بىكار تۇرمىدى. «ئىلگىرى كۈچىمىزگە تايىناتتۇق، ھازىر تېخنىكىغا تايىنىۋاتىمىز.» گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكىلار كېڭەيتىلىپ ۋە قوللىنىلىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئازايتىلىپ، يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاشلىق تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بىز ئەڭ يېڭى ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىمىز.» فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تىرىشىپ داننىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئازايتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمىز.

قاتناش دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى. 2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمى، موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمى، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى قوش ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەندى؛ S254 لىنىيەسىدىكى لوپنۇر - چەرچەن تاشيولى، يېتىمبۇلاق - چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق كۆپ تۈر پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول مۇساپىسى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش» نىشانى تېز ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قاتناشتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ زامان - ماكان ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يول ئاچتى ۋە ئۇنى راۋانلاشتۇردى.

«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىسەكلا، بەلگىلەنگەن نىشانىمىزغا چوقۇم يېتەلەيمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېي شىنلياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، داۋاملىق ئىلمىي پىلانلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ قاتناش تۈگۈنى مەركىزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى كۈچلۈك قاتناش - تىرانسپورت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىمىز

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورنى مۇھىم، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى.

2022 - يىلى، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىدە غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى. تارىم نېفىتلىكى پۈتۈن يىلدا 33 مىليون 100 مىڭ توننا نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى، نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئالتە يىل مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشتى؛ شىنجاڭ نېفىتلىكى پۈتۈن يىلدا 17 مىليون 480 مىڭ توننا نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون توننا ئاشۇرۇپ، ئۇدا تۆت يىل مىليون دەرىجىلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇلتۇر تارىم نېفىتلىكىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، چوڭقۇر يەر ئاستى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قۇدۇق بۇرغىلاش، نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىش ۋە يەر يۈزى تېخنىكا سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتىنىڭ 33 مىليون 100 مىڭ توننىدىن ئېشىشىغا تىرەك بولۇندى.» تارىم نېفىتلىكى نېفىت - تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇڭتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: 2023 - يىلى تارىم نېفىتلىكى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، تارىم نېفىتلىكى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ساداقەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخنىكا جەھەتتىكى بوغما ھالەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۆلىتىمىزدىكى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە تۆت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2022 - يىلى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سانائەتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشىدىن ئىبارەت ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

«يول گەرچە يىراق بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە تەس بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمىگەندە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنبىن مۇنداق بىلدۈردى: 2023 - يىلى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىككىنچى ئون يىللىق تەرەققىياتقا ئاتلانغان يىل، يېڭى بىر يىلدا، تەرەققىيات رايونى بىر قولدا كۆمۈرنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، شەرقىي جۇڭغارنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە كاپالىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئاچىمىز

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشى تەرەققىياتى ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا پۇرسەت.

2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 219 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %59.8 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 51.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

«رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە تىلغا ئالغان <جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور، ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى يەنىلا ئۆزگەرمىدى> دېگەن سۆز بىزنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى تەكشۈرۈش 3 - بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دىليار ئابدۇۋەلى مۇنداق بىلدۈردى: پورت بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ قوغدىغۇچىسى»لىق مەسئۇلىيىتىمنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۈمىدىنى چىڭ كۆزلەپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، «ئەيشاڭ شىنجاڭ . خۇشاللىق بىلەن ئىستېمال قىلىش» ئومۇمىي خەلق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئىستېمال بايرىمى ۋە يەرشارىۋى سېتىۋېلىش . باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى باشلاندى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ سىلۇ شىدامېن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى شىدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىش مەركىزىگە باھار بايرىمىلىق مال سېتىۋالماقچى بولغان نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى كەلدى. بۇ يەردە «ئۈرۈمچىدە يەرشارىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋېلىش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

شىنجاڭ سىلۇ شىدامېن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ جىڭ مۇنداق دېدى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىز شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇشتەك ئورنىغا تايىنىپ، كۆپ خىل سودا ئەندىزىسىنى بىر گەۋدە قىلىپ، 2022 - يىلى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېتەكچى قىلغان ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى يىغىش - تارقىتىش ۋە توپ سېتىش سودا مەركىزىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى.

«پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.» جاۋ جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل شىركىتىمىز خەلقئارا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش، دۆلەت ئىچىدىكى تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پارچە سېتىش يېڭى ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىغا ئايلىنىشقا تىرىشىدۇ.

(مۇخبىر ليۇ يى، قاتناشقان مۇخبىرلار لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي، يۈ جياڭيەن، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چيەنشى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.