تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز

شىنجاڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتى:

تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىدا ئېسىل، قىزغىن بىر مەيدان ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ قىشلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ سەككىز ئەزاسى نەق مەيداندا رېپىرلىق قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى. شۇ كۈنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى فۇ يۇڭ كوماندا باشلاپ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلدى، «قار - مۇز پەسلى جەمئىيىتىمىز ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان پەسىل» دېدى فۇ يۇڭ.

بۇ جەمئىيەت 1995 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 20دىن ئارتۇق ئورۇن ئەزاسى ھەم 200دىن ئارتۇق شەخسىي ئەزاسى بار. جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا قار - مۇز ئاممىۋى تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىزچىل كۈچەپ، ئاممىۋى ئاساسنى كۈچەيتىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى مايسىلىرى ۋە تىرېنېرلىرى، رېپىرلىرىنى قازدى، يېتىشتۈردى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارا ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. قار - مۇز ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ جەمئىيەت قار تېيىلىش جەمئىيىتى ۋە مۇز تېيىلىش جەمئىيىتى قۇرۇپ، قار - مۇز ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ كەسپىي، تېخىمۇ ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسى لى جيەنخۇڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭدا مول ھەم ئەلا سۈپەتلىك قار - مۇز بايلىقى بار، قار مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزاق، قار سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى، چوڭقۇر، ئۇزاق قار - مۇز مەدەنىيىتى بار، شۇنداقلا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يېقىشلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ قار - مۇز قىزغىنلىقى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، مۇز تېيىلىش مەيدانى، قار تېيىلىش مەيدانىغا بارىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى، مەسلىھەت سورايدىغان، چۈشەنمەكچى بولغان ۋە قاتنىشىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ تۈرى تېخىمۇ بېيىدى. 2022 - يىلىلا، بۇ جەمئىيەت شىنجاڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە شەھەرلەر ئارا تىركىشىش مۇسابىقىسى ۋە شىنجاڭ قار - مۇز ئومۇمىي ماھارەت كۆرسىتىش بويىچە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاممىۋى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

«جەمئىيەتكە ئەزا بولساق، ئادەم كۆپ، كۈچ زور بولىدۇ.» جەمئىيەتنىڭ كېڭەش ئەزاسى، يەككە چاڭغىدا تېيىلىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۈ شيۇجۈەن مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەن ئۇدا تۆت يىل قار تېيىلىش قىشلىق لاگېرى تەشكىللەپ ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە قار تېيىلىشنى ئۆگەتتىم. گەرچە ئالدىراش بولساممۇ، ئەمما غەيرىتىم تولۇپ تاشتى، «مۇسابىقە، پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆسمۈر، بالىنى تەنتەربىيە ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى چۈشىنىش، قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جەمئىيەت يەنە قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق دالىدا قار تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش ۋە دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىشنى ئومۇملاشتۇردى. «يازدا چاقلىق كانكى، قىشتا مۇز ۋە قار تېيىلىمىز» دېدى فۇ يۇڭ. 2018 - يىلىدىن بۇيان، بۇ جەمئىيەت ئارقا - ئارقىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىرقانچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ ئۇزاق مۇددەتلىك، سىستېمىلىق، كەسپىي بولغان ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى دالىدا قار تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى ھەم ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان دالىدا قار تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىش بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

قار - مۇز ھەۋەسكارلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تىرېنېر، رېپىرلار بىرمەھەل يېتىشمەي قالدى. تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىمۇ بۇ «ئىككى خادىم»نى تەربىيەلەشنى پائال ماسلاشتۇردى، 2021 - يىلىلا پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 11 قارارلىق تىرېنېر تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، ھەر قاراردا 40 ئادەم تەربىيەلىدى؛ تۆت قارارلىق رېپىر تەربىيەلەش تەشكىللەپ، ھەر قاراردا 30 ئادەم ئەتراپىدا تەربىيەلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ليۇ زىچاۋ 2021 - يىلى 5 - ئايدا تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسى تارقاتقان 1 - دەرىجىلىك رېپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ھازىرغىچە تۆت بېكەت مۇسابىقىنىڭ رېپىرلىق خىزمىتىگە قاتناشتى. «سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇنتىزىم، تېخىمۇ كەسپىي ھالدا رېپىرلىق قىلدىم.» ليۇ زىچاۋ مۇنداق دېدى: مەن يەنە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى، تېخىمۇ كۆپ تۈردىكى گۇۋاھنامە ئېلىش ئۈچۈن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەنتەربىيە خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز لازىم.» فۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز تەنتەربىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ تەنتەربىيەچىلىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.