ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيۈەن خەۋەر قىلىدۇ) 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، S21 ئالتاي ـــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتناش باشلىنىپ يۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. بىر يىلدىن بۇيان، S21 ئالتاي ــــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، جەمئىي 590 مىڭ ئاپتوموبىل قاتنىدى، كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل قاتنىدى، يولدىن ئۆتكەن شوپۇر، يولۇچىلارغا ئۈچ مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن مۇلازىمەت قىلدى. شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ئالتاي ـــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالتاي ـــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى لىنىيەسى بويىدىكى 92 دېھقان-چارۋىچىنى ھەرقايسى مۇلازىمەت رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، لىنىيە بويىدىكى بەش جۈپ مۇلازىمەت رايونىدىكى ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم قىلىپ يۆلەش ئون مەخسۇس پۇكىيىنىڭ 2022-يىللىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، S21 ئالتاي ــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار.
ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيۈەن فوتوسى
S21 ئالتاي ـــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 342.5 كىلومېتىر بولۇپ، قارىمىقىدا بەش جۈپ مۇلازىمەت رايونى ۋە ئالتە ھەق ئېلىش پونكىتى بار. بىر يىلدىن بۇيان، S21 ئالتاي ــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ئۇنىۋېرسال قاتناش، ئاقىل قاتناش، يېشىل قاتناش، تىنچ –ئامان قاتناشنى يادرو قىلدى. «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى، قاتناش بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما يېڭى كەسىپ ھالىتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش يېڭى تەرەققىياتى، ئاقىل سەپەرگە چىقىش يېڭى تەسىراتى، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يېڭى ساھە قۇرۇش»تىكى شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇنجى «بەش يېڭى» ئاقىل قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بەرپا قىلىندى.
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، «S21 ئالتاي ـــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالتاي ــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ۋۇجياچۈ مۇلازىمەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيۈەن فوتوسى
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، S21 ئالتاي ــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى 103-تۇەن مۇلازىمەت رايونىدا، شۇ جايدىكى بىر دېھقان مۇلازىمەت رايونىدا تازىلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى 4 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيۈەن فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي شەھىرى ئىككى جايغا دائىم بېرىپ-كېلىدىغان يۈك تىرانسپورت شوپۇرى لى خۇڭبو مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىر ھەپتىدە ئاران ئىككى-ئۈچ قېتىم ماڭالايتتۇق، ھازىر ئالتاي ـــ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ماڭساق، نۇرغۇن ۋاقىت تېجىلىدۇ، ئاپتوموبىل ھەيدىسەكمۇ بۇرۇنقىدەك چارچاپ كەتمەيمىز، بىر ھەپتىدە بەش-ئالتە قېتىم ماڭالايمىز».
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر خىزمەتچى خادىم يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىغا قايناقسۇ ۋە يېمەكلىك بەرمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شىنيۈەن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى