تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«شىنجاڭ ياخشى جاي. دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» قىشلىق پائالىيىتى باشلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) «بىز ھازىر بۇرۇلتوقايغا كېتىۋاتىمىز، چۈشتىن كېيىنلا قىشلىق بېلىق تۇتۇشنى ھېس قىلىپ، بېلىق زىياپىتىگە ئېغىز تېگەلەيمىز.» 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋېيبوسىدا 2 مىليون 70 مىڭ مەستانىسى بار، شەندۇڭدىن كەلگەن ساياھەت فوتو سۈرەت دارېنى جۇ رۈي مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

12-ئاينىڭ 28-كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي. دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى − قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» پائالىيىتى باشلاندى.

 «شىنجاڭ ياخشى جاي» يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

   12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي. دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى − قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دارېنلارنى تەكلىپ قىلىشتا ئاساسلىقى نىشانلىق تەكلىپ قىلىش ۋە توپلاپ تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساياھەت، فوتو سۈرەت ۋە مەززىلىك تائام قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر شىنجاڭ ئىچىدىكى دارېن، ئىككى نەپەر شىنجاڭ سىرتىدىكى دارېن، يەنە بىر نەپەر فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى مەززىلىك تائام دارېنى تەكلىپ قىلىندى.

 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇ رۈي تارتقان قار مەنزىرىسى. 

زىيارەت ئوبيېكتى ئۆزى تەمىنلىگەن

   12-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ، دارېنلار تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى.ئالتاي ناملىق» قار-مۇز ساياھىتى مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئالتايغا ماڭدى، كېيىنكى يەتتە كۈندە، دارېنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىپ، قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، خاس خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قار-مۇز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىدۇ. ھەمدە سۈرەت، قىسقا سىن، VLOG ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار قىشلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، مەززىلىك تائام، گۈزەل مەنزىرە، تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ-ئادەت ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆپچىلىككە تولۇق نامايان قىلىدۇ.

   بۇ جۇ رۈينىڭ شىنجاڭغا 5-قېتىم كېلىشى، لېكىن تۇنجى قېتىم قىش پەسلىدە كېلىشى ئىدى. «شىنجاڭنىڭ قار مەنزىرىسىگە ئىزچىل تەلپۈنگەنىدىم، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى ئۇچۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس تاغلارنى، تاغ-دالىلارنى قاپلىغان قارلارنى كۆرگىنىمدە، تەسەۋۋۇرۇمدىكى مەنزىرە بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم». جۇ رۈي ۋېيبوسىدا ئېلان قىلغان شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىدىكى چېكىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر ئۇچۇرنىڭ ئەۋەتىلىش، ئالقىشلىنىش ۋە باھا يېزىلىش قېتىم سانى 4000غا يېقىنلاشتى. 

«تەسەۋۋۇرۇمدىكى مەنزىرە بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەن». جۇ رۈي شىنجاڭنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىگە تولىمۇ تەقەززا بولغانىدى.

زىيارەت ئوبيېكتى ئۆزى تەمىنلىگەن

   باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈبھىنۇر ۋەلىنىڭ «دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى. «يېڭى تاراتقۇ ساھەسىدىكى يېڭى كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۇ مەيدان قار-مۇز ساياھىتىنى باشلىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئۆگەنگۈم بار.» سۈبھىنۇر شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھىتىنى تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرغۇچىلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى بىلەن «دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» پائالىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى يۇغۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق تارقىتىش يوللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ زور تەشۋىقات ئېففېكتىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەدەنىيەت-ساياھەت ماركىسىنى سىجىل يارىتىپ، توردا، تور سىرتىدا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەت تەشۋىق قىلىش- ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «دارېنلارنىڭ سەپەر جەريانىدا شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشىنى، شۇنداقلا بۇ خىل سېھرىي كۈچ ۋە سەپەردىكى خۇشاللىقنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنىڭ قانچىلىك گۈزەل، قانچىلىك قىزىقارلىق، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ قانچىلىك يېيىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، <قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش> باش تېمىسىنى كىشىلەرگە تېخىمۇ تونۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.