تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيلى

□ شۈ چىڭگۇاڭ

ئالتە ياش ئەسلىدە سەبىي، ساددا، گۆدەك چاغ. ھالبۇكى قەلبىدىكى ئاشۇ قىزغىن مۇھەببەت، چىدامچانلىق ۋە قورقماس جاسارىتىگە تايىنىپ، شىنجاڭلىق «ئوماق بالا» نيې رۇڭچېن ئالتە يېشىدا «تاۋلىنىپ»، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان تۇپراقتا قار تېيىلىش «تالانت ئىگىسى»گە ئايلىنىپ، دەۋر جەلپكارلىقىغا ئىگە، رەڭدار، سەرخىل «شىنجاڭ ھەققىدە ياخشى ھېكايىلەر»نىڭ باش قەھرىمانى بولۇپ قالدى.

قار تېيىلىش «تالانت ئىگىسى» نيې رۇڭچېنغا ئوخشاش ئارزۇغا دادىل ئىنتىلىدىغان ھېكايىلەر شىنجاڭدا ناھايىتى كۆپ. ئۈرۈمچىدىكى 88 ياشلىق موماي ليۇ جىخۇا 72 يېشىدا قار تېيىلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى 100 ياشقىچە قار تېيىلىش ئىدى؛ شىنجاڭلىق يىگىت «نۇر ئۇچارپۇت» توپنى ھاياتىدەك كۆرۈپ، قاتتىق شېغىل تاش ئۈستىدە «ئىرادە توپى»نى تېپىپ، پايانسىز قۇملۇقتا يېڭى مەنزىل ئاچتى؛ «شىنجاڭلىق پاختىكار ئاكا» جاڭ خۇڭيۈەن لىققىدە پاختا قىستۇرۇلغان جاز دۇمباقنى چېلىپ، ياڭراق ناخشا ئاۋازى بىلەن شېئىرىي تۈسكە تولغان بەختلىك تۇرمۇشىنى كۈيلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرى سەھنىسىگە چىقتى... ئارزۇلارغا، مۇھەببەتكە تولغان، مەنىسى چوڭقۇر بولغان مانا مۇشۇنداق شىنجاڭ ھېكايىلىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ قەلبىدىكى تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلاندۇردى.

شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى بىپايان، رەڭگارەڭ، شىنجاڭنىڭ ھېكايىلىرى جۇشقۇن، مەردانە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى، مەدەنىيەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھېكايىلىرى، جەمئىيەتتىكى ئىناقلىق ۋە خۇشال - خۇراملىق ھېكايىلىرى، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ھېكايىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھېكايىلىرى، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىلىرى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ھېكايىلىرى، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق بولۇش ھېكايىلىرى... ياكى جىمجىت سۇنىڭ چوڭقۇر ئېقىشىدەك، ياكى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ھېكايىلەرنىڭ ئارقىسىدا شىنجاڭلىقلارنىڭ كەڭ دۇنيا قارىشى، ئالغا ئىنتىلىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، ساپ قىممەت قارىشى بار، شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتى، دۇنياغا قىزغىنلىق بىلەن قۇچاق ئېچىشى، قىيىنچىلىققا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلىنىشى بار. بۇ دەل شىنجاڭنىڭ سېھرىي كۈچى، ئۈمىدىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلامدىن، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى جەمئىيەت مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.» تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىكلىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەشنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ يېڭى مۇساپىدە چوقۇم كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان، تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن يېڭى ھېكايىلەرنى نامايان قىلىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ياخشى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشەنچكە تولغان كەلگۈسىنى ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى شىنجاڭنى چىن كۆڭلىدىن سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەربىر تاراتقۇ خادىمىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا بۇ يەردە تۇغۇلۇپ، بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن 25 مىليوندىن ئارتۇق شىنجاڭلىقنىڭ ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ قىزغىن ئارزۇسى.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.