تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى، بۇ يەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

يېقىندا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي، شىمالىي مەيدانىدىكى يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇپ تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلىرى بەش ئايغا يېقىن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلەندى، جەمئىي كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ھەق مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

ۋاڭ يۈەنخۇي   سودىگەر

مەن ئاپتوموبىلىمنى مۇشۇ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئۇزاق ۋاقىت توختىتىپ قويغان، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى، ھازىر ئايلىق ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى 180 يۈەن، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تاپشۇرىمىز، ياخشى سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدۇم.

ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ كۈنلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تۇنجى سائىتى بەش يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يېرىم سائىتى ئۈچ يۈەن، ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 يۈەنلىك ئاپتوموبىل ھەققى بويىچە ھېسابلىغاندا، تۆت ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللار 5000 يۈەندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ۋاڭ لېي

يۈنشياڭ شەھەر تەرەققىيات مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا تۇرۇشلۇق كارخانا شىنجاڭ شىنچېڭ كەسپلەر مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا ھەقنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويدى، 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئالمايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.