تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشان شەمشادىنىڭ سىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟

سىكاننېرلاپ سۈرەتلىك مەزمۇننى كۆرۈڭ

ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، بىر سىرلىق دەرەخ تۈرى ئۆسىدىغان بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى «تىرىك تاشقاتما» دەيدۇ، ئۇنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسى 40 مىليون يىلدىن ئاشىدۇ؛ بەزىلەر ئۇنى «يېشىل بەلباغ»غا ئوخشىتىدۇ، ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن بىر يېشىل ئورمان سىزىقى تىيانشان تېغىنىڭ بېلىنى يېرىمىغىچە ئوراپ تۇرىدۇ؛ بەزىلەر ئۇنى «پاراشۇر دەرىخى» دەپ تەرىپلىشىدۇ، ئۇنىڭ 60 - 70 مېتىر كېلىدىغان گەۋدىسىدىن رەھىمسىز چۆللۈك، قۇملۇقنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

ئۇ دەل شىنجاڭنىڭ خاس دەرەخ تۈرى − تىيانشان شەمشادى.

تىيانشان شەمشادى دۆلىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭدىكى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالى ئېتىكى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ غەربىي قىسمى، جۇڭغار غەربىي قىسىم تاغلىق رايونىغا تارقالغان. ئۇ ھەم ئېگىز، ھەم تىك ئۆسىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دەرەخ غولى تۈپتۈز ھەم يۇمىلاق، يان شاخلىرى ئاساسىي غولنى چىڭ ئوراپ تۇرىدۇ. تىيانشان شەمشادىنىڭ گەۋدىسى ئېگىز، ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۆسۈشكە ئەڭ باب كېلىدىغان جايلاردا دەرەخ ئېگىزلىكى 60 - 70 مېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا «پاراشۇر دەرىخى» دېگەن نامى بار.

تىيانشان ئورمان رايونىنىڭ %90تىن ئارتۇق ئورمان يېرىنىڭ ھەممىسىدە تىيانشان شەمشادى بار بولۇپ، ئۇلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 مېتىردىن 2700 مېتىرگىچە بولغان ئوتتۇرا تاغ بەلبېغىدا ئۆسىدۇ، تىيانشان شەمشادى تاغ - چوققىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، شەرقتىن غەرپكە سوزۇلۇپ، خۇددى ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، تۈپتۈز قاتار - قاتار گەۋدىسى بىلەن ھەيۋەتلىك ھەم كەڭ ئىپتىدائىي ئورماننى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، تىيانشان ئورمانلىقىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ئەگەر سىز ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتسىڭىز، ناھايىتى قىزىقارلىق ئەھۋالنى كۆرىسىز، تىيانشاننىڭ تەسكەي تاغ باغرى قويۇق ئورمانلىق، ھالبۇكى كۈنگەي تاغ باغرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈپتۈز كەتكەن ئوتلاق، بۇ قانداق شەكىللەنگەن؟

جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تەبىئىي بايلىقنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مەركىزى تەبىئىي بايلىقنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لۇڭلۇڭ مۇنداق دېدى: تىيانشان تاغ تىزمىسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمان ئاساسلىقى تىيانشان شەمشادىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىيانشان شەمشادى تەسكەي، نەم بەلباغدا ئۆسىدۇ، نەملىككە بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى، لېكىن ئىسسىقلىققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، تەسكەي تاغ باغرى تىيانشان شەمشادىنىڭ ئۆسۈش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، شۇڭا كۆپىيىپ، تەدرىجىي ئەۋزەل دەرەخ تۈرىگە ئايلىنىپ، ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، چوڭ دائىرىدىكى ئورماننى شەكىللەندۈرگەن. ئەكسىچە، كۈنگەي تاغ باغرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى، پارلىنىش مىقدارى زور، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز بولغاچقا، نەملىك شارائىتى ھەم ئېگىز، ھەم چوڭ تىيانشان شەمشادىنىڭ ئۆسۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، لېكىن پاكار، كىچىك سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ھەم چاتقاللار ئەكسىچە ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدۇ، شۇڭا كۈنگەي تاغ باغرىدا كەڭ كۆلەمدە ئوتلاق شەكىللەنگەن.

تىيانشان شەمشادىنىڭ سۇغا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجى ئۇنىڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان يىلتىز سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، مەيلى تۇپراق، قۇرام تاش ياكى تاغ قىرلىرىدا بولسۇن، ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى كىچىك يوچۇقلاردىن يەر ئاستىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ، دەرەخ غولىنى تىك تاغ باغرى، تاغ چوققىسى ئۈستىدە مۇقىم تۇراقلاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ناھايىتى زور يىلتىز سىستېمىسىغا تايىنىپ، ھەربىر تۈپ يېتىلگەن تىيانشان شەمشادى 2.5 توننا سۇ ساقلىيالايدىغان بولۇپ، بىر مىكرو سۇ ئامبىرىغا ئوخشايدىكەن، ھالبۇكى، تۇتاش كەتكەن تىيانشان شەمشادى ئورمىنى سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىش، ئاتموسفېرانى ساپلاشتۇرۇش، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

تىيانشان شەمشادى تىيانشاننىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولۇپ، ئۇزاق تارىخى ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولغان ھەم ئۇنى خاتىرىلىگەن. 2021 - يىلى، دۆلىتىمىز پەن تەتقىقات خادىملىرى تىيانشان شەمشادىنىڭ دەرەخ يىل ھالقا سىزىقىنىڭ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بەلكىم يەنە تېخىمۇ كۆپ سىرلار بىزنىڭ تىيانشان شەمشادى ئارقىلىق ئىزدىنىپ، يىراق ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى چۈشىنىشىمىزنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

چەكسىز ئورمانلىقتا، تىيانشان شەمشادلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياپيېشىل تۈسكە كىرىپ، جاھاندىكى گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. 2005 - يىلى، تىيانشان شەمشادلىقى «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئون چوڭ ئورمانلىق»نىڭ بىرىنچىسى بولۇپ باھالاندى، تىيانشان شەمشادىنىڭ ئېگىزلىكى، يىلتىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى كىشىلەرنى ناھايىتى جەلپ قىلغاچقا، ھەر يىلى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچى داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، تىيانشان شەمشادى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ.

تىيانشان شەمشادىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، 1984 - يىلى شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆندەلەڭ ئورمان رايونىدا تىيانشان شەمشادى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇردى، 2000 - يىلى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ غەربىي تىيانشان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولدى، بۇ يەرگە تىيانشان تاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ مەركەزلىك بولغان ئىپتىدائىي تىيانشان شەمشادى تارقالغان بولۇپ، دەرەخ گەۋدىسى ئېگىز، چوڭ، سۈپىتى ئەلا، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، بۇ، تارىخ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغان قىممەتلىك دەرەخ تۈرى بولۇپ، مۇھىم، زور تەبىئىي مۇھاپىزەت ۋە پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.