تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا قار-مۇز قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشتى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سارقوبۇ يېزىسىدىكى دېھقان -چارۋىچىلار قاردا «قىز قۇۋار» پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. قىش كىرگەندىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى رەڭدار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىشتىكى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

لى ۋېنۋۇ فوتوسى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

   قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ ئاپئاق لىباس كىيدى. ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئېگىز - پەس تاغ تىزمىلىرى خۇددى كۈمۈش يىلانغا ئوخشاش سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، قىش مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. رەڭگارەڭ رەڭلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۆزگىچە رەڭدارلىقلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قار - مۇز شادلىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ھەممە شاد ـ خۇراملىققا چۆمۈپ، قەھرىتان قىشنى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدۈردى  قار ـ مۇز بايلىقى جانلاندى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قىزىدى، قار ـ مۇز كەسپى كۈچەيدى.

   قىش پەسلىدىكى مەرۋايىتقا خاس سۈزۈكلۈك، قاشتېشىدەك مۇزدىكى پاكىزلىق ۋە ساپلىق «تاغ ئارا قاقماس ئۇچار قۇشمۇ قانات، قالمىغاندەك يولدا ئادەملەر ھايات»تەك ھالەتكە خاتىمە بەردى. كىشىلەر ئۆيىدىن چىقماي قىش ئۆتكۈزىدىغان ئادىتى بىلەن خوشلاشتى، قار مۇزلۇق دالىدا خۇشاللىق ئىزدەش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىدىن ھالقىپ، قەھرىتان سوغۇققا جەڭ ئېلان قىلىش جەريانىدا، ھالقىشتىن كېلىدىغان خۇشاللىققا ئىنتىلدى.

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، كىچىك دوستلار سانجى شەھىرى نۇرجا قار تېيىلىش مەيدانىدا پۇتبول ئوينىماقتا. بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىر قاتار قار-مۇز ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى «جەزمەن بېرىشقا تېگىشلىك جاي»غا كېلىشكە جەلپ قىلدى.

خې لۇڭ فوتوسى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاۋام قار ـ مۇز پەسلى ھەم باغراش ناھىيەسى 15-نۆۋەتلىك قار-مۇز پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى باغراش كۆلى داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. سۈرەتتە: ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىماقتا.

خۇ شىچى فوتوسى

   قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار ـ مۇز ساياھىتى، قار ـ مۇز كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلار تېز كۆپەيدى. ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغى، كوئىنلۇن تېغىدىكى ھەر بىر تاغ چوققىسى قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىكى خەزىنىگە ئايلاندى؛ قارلىق چوققا ئېتىكىدىن قۇملۇق گىرۋىكىگىچە، قار ـ مۇز خۇددى ئاق رەڭلىك زېرەكچاققا ئوخشاش نەدىلا بولسا شۇ يەردە قىش كۈنلىرىدىكى خۇشاللىقنى ئۇرغۇتتى. ھەربىر ئاۋات شەھەرلەر، ھەر بىر شەھەر، بازار، يېزا-كەنتلەر، ئەر-ئايال، قېرى-ياش بەس-بەستە ئۆيلىرىدىن چىقىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار - مۇز پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، قار - مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق، ساغلاملىق، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتتى.

   قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق. بايلىق بېيىشنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ تايانچ نۇقتىسى. قار ـ مۇز كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ لەززىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق؛ قار ـ مۇزلۇقتىكى خۇشاللىق ئىچىدە، بىز ئۆزىمىزنى كۈندىن-كۈنگە بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمىز.

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارى ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارى بۇ يەرگە كېلىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

ئارداق بېيىسقان فوتوسى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى نەنسەن ئېتىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا ئوينىماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بورتالا شەھىرى كەيپىڭ كۆلى باغچىسىدا مۇز تېيىلىپ، مۇز ئۈستىدىكى «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»نى ھېس قىلماقتا.

شاتتىق قايرات فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.