شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خوۋ شۆجىڭ، دىڭ يىچۈەن) مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سەنشيا گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا بويىچە تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ، گېنېراتور سىغىمچانلىقى 2-چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى − بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 72 سائەت سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق 16 سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ «پاكىز ئېنېرگىيە كارىدورى» قۇرۇپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ كارىدور 1800 كىلومېتىردىن ھالقىپ، ئومۇمىي ئامبار سىغىمى 91 مىليارد 900 مىليون كۇب مېتىر كېلىدىغان پەلەمپەيسىمان سۇ ئامبارلىرى توپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاتلىق سۇ بايلىقى ئامبىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئامبار سىغىمى 37 مىليارد 600 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2022-يىلى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ بىرلەشمە تەڭشەش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئومۇمىي كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئامبار سىغىمىنىڭ %53تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، توك چىقىرىش، سۇ تىرانسپورتى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
سەنشيا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لېي مىڭشەن مۇنداق دېدى: بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان قۇرۇلۇش باشلانغان، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك پۈتكەن چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇشتىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى. قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسىگە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يەرشارى بويىچە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا مۇھىم، زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، رايون ئىقتىسادىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توسما ئورنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭنەن ناھىيەسى ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چياۋجيا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جىنشاجياڭ دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا بۆلىكىگە جايلاشقان. بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى زور، گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، قۇرۇلۇشتا مىليون كىلوۋاتلىق سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورنىڭ يەككە سىغىمچانلىقى، 300 مېتىر دەرىجىلىك ئېگىز ئەگمە توسمىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتكۈچى، يەر ئاستى ئۆڭكۈر توپى كۆلىمى قاتارلىق ئالتە تۈردە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.
مەنبە: شىنخۇا تورى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى