تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىخو شەھىرى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى

شىخو شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كۇرتۇ بازىرى قارابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ۋە چارۋىلاردىكى كېسەللىك مەسىلىلىرىنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىپ بەردى. ۋۇ فەن فوتوسى

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي خۇڭپىڭ خەۋەر قىلىدۇ): بۇ يىلدىن بۇيان، شىخو شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كۇرتۇ بازىرى قارابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرى ئويلىغاننى ئويلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا ئىگىلىشىچە، قارابۇلاق كەنتىدە كەسپىي مال دوختۇر تېخنىكلىرى بولمىغاچقا، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە چارۋا كېسەللىكى قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر باشقا كەنتتىكى مال دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەم كۆپ پۇل كېتىدىكەن، يەنە ئىشقا دەخلى يەتكۈزىدىكەن.

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ئەترەتتىكى چارۋىچىلىق - مال دوختۇرى ئېربول قۇۋانىش باش بولۇپ، چارۋا كېسەللىكلىرىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ ھەمدە چارۋىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش، تۇغدۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى قارار قىلدى.

كەنت ئاھالىسى ئېرلى مەمەت ئۆيىدە 20 نەچچە تۇياق كالا باققان بولۇپ، بۇ يىل، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كالىلار ئاغرىپ قالغاندا ئېربول ياردەم بېرىپ داۋالىدى. ئىلگىرى چارۋىلار ئاغرىپ قالسا، ئېرلى ناھايىتى غەم قىلاتتى، ھازىر خىزمەت ئەترىتى بار بولۇپ، ئەندىشىسى تۈگىدى.

20 نەچچە يىللىق مال دوختۇرلۇق تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بىر يىلدىن بۇيان، ئېربول خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چارۋىلىرىنىڭ گۇمانلىق، داۋالاش قىيىن، مۇرەككەپ كېسىلىدىن 80دىن ئارتۇقنى داۋالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قاتارلىق تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلىدى.

كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن دېھقان ـ چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، تەربىيەلەنگەن ئادەم سانى 400 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

شىخو شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن كۇرتۇ بازىرى قارابۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سەي يۈەنجۈن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق - مال دوختۇرى تېخنىك خادىملىرى، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى، مېنىڭچە بىزنىڭ خىزمىتىمىز تولىمۇ مەنىلىك، ناھايىتى قىممىتى بار».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.