ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
ھادىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ما شىڭرۇي سۆز قىلدى
ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئالتۇن كاندا قۇدۇق ئاستى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يۈسۈپجان مەمەت ھادىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى شىبۇ خۇاڭجىن ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە قۇدۇق ئاستى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، 18 ئادەم قاپسىلىپ قالدى. ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىرىنچى ۋاقىتتا ئېغىر، زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشنى قوزغىتىپ، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بارلىق بايلىق ۋە كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، كاندا قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسپىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرى تېزدىن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش، قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش خىزمىتىنى ھازىرقى باش ۋەزىپە قىلىپ، 72 سائەتلىك ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش كېرەك؛ ئىلمىي قۇتقۇزۇش، بىخەتەر قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككىلەمچى ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ھادىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىپ، قالدۇق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئالتۇن كاندا قۇدۇق ئاستى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىنىڭ يۈزبېرىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە يەنىلا نۇرغۇن كەمتۈكلۈك ۋە يوچۇقنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، بىزنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، قىلچە بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈلپەت ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، بۇ قېتىمقى ھادىسىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ پۇختا ۋە ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكى، جان تومۇرىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلار، كۆمۈر كانلار، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، مېتال تاۋلاش، قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەر، قۇرۇلۇش قىلىش، يول ـ كۆۋرۈك، گېئو ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئورۇن ھەمدە ئادەملەر زىچ توپلاشقان تۈرلۈك سورۇن قاتارلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر، زور خەتەر مەنبەسى، نۇقتىلىق ئاپەت، خەتىرى يۇقىرى مەشغۇلات قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى قالدۇرماي بىرمۇبىر چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرمۇبىر رەتلەش، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇش، ئۈزۈل ـ كېسىل دەل جايىدا تۈزىتىش كېرەك. بىخەتەرلىك بويىچە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئالدىنئالا تەدبىر قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قائىدە ـ تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش كەسپىي سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، رەسمىيەتچىلىك قىلىش، داغدۇغىسى بار ئۈنۈمى يوق بولۇش، بىردەملىك شامال چىقىرىشنى قاتتىق چەكلەپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بىرلىكتە جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، تەۋەلىكنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ساھە تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزى باشقۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشى، ساھە تارماقلىرى «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچنى جەزمەن قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرلىكتە تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈزبېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا قارىتا ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يىل ئاخىرى يېتىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئىككى بايرام» يېقىنلاپ قالدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېقىنقى مەزگىلدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۆۋەن تېمپېراتۇرا، سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار قاتارلىق ناچار ھاۋارايىدىن پائال مۇداپىئە كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، بىخەتەر، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، بۇ يىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، كېلەر يىلنى ئوڭۇشلۇق باشلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.