تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۈك توشۇشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مىقدارنى ئاشۇرۇش يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈش

شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 200 مىليون توننىدىن ئاشتى −

يۈك توشۇشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مىقدارنى ئاشۇرۇش يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈش

[مۇھەررىر ئىلاۋىسى]

2022 - يىلى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە يىل بولدى. بۇ بىر يىل، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان ئاچقۇچلۇق يىل؛ بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقماقتا.

يىل ئاخىرىدا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «شىنجاڭ ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر. 2022 - يىلىنى ئەسلەش» ناملىق پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىپ، گىرافىك، تەشۋىقات رەسىمى، سىن قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ شەكلى ئارقىلىق، 2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنى ئېدىتلاپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى رەتلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

2022 - يىلى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش نەتىجىلىرى مول بولغان يىل.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى بازار پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، توشۇش يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى مۇقىم ئاشۇردى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 200 مىليون توننىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

«تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ. كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىغانلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بەرگەنلىكى نامايان بولدى.

ئېھتىياج جانلىنىپ، كۆمۈر توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى

«كۆمۈر بازىرى ئېھتىياجىنىڭ زورىيىشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئېشىشى تۆمۈريول تىرانسپورتىنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لى شىڭ.

12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇڭليۇخېدىن نومغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ بەيشىخۇ شەرقىي ۋوگزالى شەرقىي ئايلانما لىنىيەسىدە، پويىز ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، ئامباردىكى كۆمۈر توختىماي چۈشۈرۈلۈپ، ئۈستى ئوچۇق ۋاگونغا لىق توشقۇزۇلۇۋاتاتتى، بىر يېرىم سائەت ئىچىدە، لىق كۆمۈر بېسىلغان پويىز شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارغا قاراپ يولغا چىقتى.

«بىز پاراۋوز ئىشلىرى، پويىز ئىشلىرى، ۋاگون قاتارلىق تارماقلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ۋاگونغا يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، خۇڭليۇخې - نوم تىجارەت بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك كۆمۈر قاچىلانغان پويىز قېتىم سانى سەككىزدىن يېقىنقى مەزگىلدىكى 12 - 14كە كۆپەيتىلدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قومۇل يۈك توشۇش مەركىزى نوم تىجارەت بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما شياۋلېي.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى تەڭ جانلاندۇردى.

شەرقىي جۇڭغار، جياڭجۈنمياۋ، قومۇل قاتارلىق كۆمۈر بايلىقى مول توپلانغان رايونلاردا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى 87 كارخانىنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆمۈر توشۇيدىغان ئۈستى ئوچۇق ۋاگونلۇق پويىز، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، خېشى كارىدورى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق رايونلارغا كۆمۈر توشۇشقا يېشىل يول ئېچىپ بەردى.

قومۇل يۈك توشۇش مەركىزى خۇايۈەنزى، ليۇشۇچۈەن، نومدىن ئىبارەت كۆمۈر قاچىلاپ توشۇيدىغان ئۈچ ئاساسلىق بېكەتتە مەشغۇلات خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، ۋاگونغا يۈك قاچىلاش - چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ھەر كۈنى خېشى كارىدورى، يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە قاتنايدىغان كۆمۈر مەخسۇس پويىزى 22 قېتىمغا يەتتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدا ھەر كۈنى لىق كۆمۈر قاچىلانغان 53 پويىز شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش بويىچە 28 كۆمۈر قاچىلاش نۇقتىسىدىن گەنسۇ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا قاتنايدۇ، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە، 52 مىليون 330 مىڭ توننا شىنجاڭ كۆمۈرى سىرتقا توشۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.7 ئاشتى. شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى توشۇش مۇلازىمەت رادىيوسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىلگىرىكى خېشى كارىدورى، گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۇيجوۋ رايونلىرىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئون نەچچە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگىچە ئۇزاردى.

ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، توشۇش كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى

مال مەنبەسى تولۇق بولغاچقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، لىنىيە تىرانسپورتىنى ۋە پونكىت - نۇقتىلارنىڭ كىرگۈزۈش - چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 5000 توننا كۆمۈر لىق قاچىلانغان پويىز ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە بولغان تۆمۈريولدىكى شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، بۇ كۆمۈرلەر لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ئارقىلىق سىچۇەننىڭ چېڭدۇغا توشۇلىدۇ.

ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 257 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ لىنىيە ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى بىلەن شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى جياڭجۈنمياۋ كان رايونىنى تۇتاشتۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، توك بىلەن تەمىنلەش، كۆمۈر ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن تىرانسپورتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتى، 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن گەنچۈەنپۇغىچە بولغان بۆلەكتە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش تاماملاندى؛ 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدا قوش لىنىيەدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى توشۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى؛ 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن گەنچۈەنپۇغىچە بولغان بۆلەكنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى توشۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى؛ 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ قوش لىنىيەسىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بارىدىغان - كېلىدىغان جۈپ پويىزنىڭ سانى يەككە لىنىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 55 جۈپتىن 90 جۈپكە كۆپەيتىلدى، نۆۋەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 92 جۈپكە يەتتى.

ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى بىلەن ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى تۇتاش بولۇپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، مۇھىم تۈگۈن بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ پويىزلارنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپىلاش ۋوگزالى بولۇپ، ئاساسلىقى لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، شىمالىي شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ لىنىيەسى يۆنىلىشىدىكى يۈك پويىزلىرىنى كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىش، گۇرۇپپىلاش، ئايرىش ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەشغۇلاتىنى ئۈستىگە ئالغان. 2021 - يىلى كۈندىلىك يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 16 مىڭ 641 ۋاگون بولۇپ، كۈندىلىك كۈتۈۋالغان، يولغا سالغان پويىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 156 جۈپ بولدى؛ 2022 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، كۈندىلىك يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 مىڭ 913 ۋاگون بولۇپ، كۈندىلىك كۈتۈۋالغان، يولغا سالغان پويىز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 171 جۈپ بولدى.

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىنىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 170 جۈپ پويىزدىن 200 جۈپ پويىز ئەتراپىغا كۆپەيتىلدى.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، توشۇش يوشۇرۇن ئىقتىدارى قويۇپ بېرىلدى

«بىز ۋاگونغا پاراللېل قاچىلاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش، ۋاگونغا قاچىلاشنى ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئارقىلىق، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاگونغا قاچىلاشنى 24 سائەت توختاتماسلىققا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يۈك توشۇش مەركىزى ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ لېي.

ئۈرۈمچى يۈك توشۇش مەركىزى مەشغۇلات تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋاگونغا قاچىلاشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش - ۋاگونغا قاچىلاش - ۋاگونغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئارقىمۇئارقا ئۇلاش شەكلى»دىكى ئەنئەنىۋى مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، «باش - ئايىغىنى ئۈزۈۋېتىش»تەك يانداش ئۇلاش شەكلىدىكى پاراللېل مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، يەنى ۋاگونغا قاچىلاش رايونىدا ۋاگونغا قاچىلاۋاتقاندا، كېيىنكى پويىز بىرلا ۋاقىتتا ۋاگونغا قاچىلاشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى قىلىدۇ؛ پويىز ۋاگونغا قاچىلاش رايونىدىن چىقىپ ۋاگونغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىنكى تەكشۈرتۈشنى قىلىۋاتقاندا، كېيىنكى پويىز ۋاگونغا قاچىلاش رايونىغا كىرىپ ۋاگونغا قاچىلايدۇ، ئۈچىنچى پويىز ۋاگونغا قاچىلاشنى كۈتۈش رايونىغا كىرىپ تەكشۈرتىدۇ، ئايلانما لىنىيەنىڭ يەككە كۈندىكى ۋاگونغا قاچىلاش سانى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىپ، پويىز قاتناش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، تىرانسپورت، پاراۋۇز ئىشلىرى، يۈك توشۇش قاتارلىق تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، كۈندىلىك ئىسمېنا پىلانىنى نەقلەشتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، پىلان تۈزۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ۋە كونترول قىلىپ، ۋاگون سەپلەش، قىسقا يوللۇق توشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ۋاگونغا قاچىلاشنى مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئالتە ئايلانما لىنىيەسىدە ۋاگونغا قاچىلاشنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، ۋاگون ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىرانسپورت كۈچىنى «ئاجرىتىپ» چىقاردى.

«تۆمۈريول تىرانسپورتى تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، سۈرئىتى تېز بولۇش، توشۇش ئىقتىدارى زور بولۇش، پۈتۈن كۈن قاتناشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، بولۇپمۇ بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرانسپورت ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى» دېدى لى شىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.