تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھاۋا يىپەك يولىدا يېڭى ئېگىزلىك يارىتىش

− تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلانغانلىقى پەيتىدە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شاماللارغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.

12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى ـ تاشقورغان ئارىسىدا تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق قاتنىشىغا ئەگىشىپ، ھاۋا يىپەك يولىدا يېڭى ئېگىزلىك يارىتىلدى. پامىر ئېگىزلىكىدىكى مەرۋايىت − تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئاۋىياتسىيە دەۋرىنى رەسمىي ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئايرودۇرۇم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۈتۈن مەملىكەت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «مەركەزداش چەمبەر»ىگە سىڭىشتى.

شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئاساسىي قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئېگىزلىك يارىتىش

ھاۋا بوشلۇقىدىن تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا نەزەر سالساق، ئايرودۇرۇم بىناسى قارلىق ئېگىزلىكتىكى ئەڭ يارقىن مەنزىرە بولۇپ، ئاق رەڭلىك ئاليومىن تاختا ۋە كۆك رەڭلىك ئەينەك تام كۆزنى قاماشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئاۋىياتسىيە بىناسى خۇددى «قانات قېقىۋاتقان بۈركۈت»كە ئوخشايتتى.

ئايرودۇرۇم بىناسىنى لايىھەلەشنىڭ باش مەسئۇلى سۈن گوچېڭ لايىھەلەشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاشقى كۆرۈنۈشى <ئېگىزلىك بۈركۈتى>گە سىمۋول قىلىندى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھەيۋەتلىك قارلىق تاغ ئارقا كۆرۈنۈش، <بۈركۈت> تەمسىل، <پەرۋاز قىلىش> ئەمەلىيەت قىلىنىپ، تەييارلىنىپ تەق بولغان، گۈللەپ ياشنىغان روھىي قىياپەت نامايان قىلىندى. ئىمارەتنىڭ تىك يۈزىدە گەۋدە بۆلىكى، مەۋھۇم كۆرۈنۈش بىلەن ئەمەلىي كۆرۈنۈش سېلىشتۇرما قىلىنىپ، <بۈركۈتنىڭ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلغانلىقىدەك مەنا> ئىپادىلەندى».

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2438 مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئايرودۇرۇملار يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن ئايرودۇرۇمنى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى قۇرۇشنى ئەزەلدىن ئۈستىگە ئېلىپ باقمىغانىدى، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي بوشلۇقىنى تولدۇردى.

تاشقورغاننىڭ «تاش شەھەر» دېگەن نامى بار بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، يەر شەكلى مۇرەككەپ، كىلىماتى ناچار، بۇ يەردە ئايرودۇرۇم قۇرۇشتا، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ پۈتكۈچە 770 كۈن ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن. «قۇرۇلۇش مەزگىلىدە بوران، كۈچلۈك ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللار ۋە يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك تەسىرلەرنى يېڭىپ، قۇرۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملىدۇق. قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى، ئايرودۇرۇمنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، پۈتۈن ئايرودۇرۇمنىڭ توپا ـ تاش مىقدارى، كىلىمات شارائىتى، قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك شىنجاڭ پۇقراۋى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا رېكورت يارىتىلدى» دېدى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى چېن يۇڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.

«شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، كەسپىيلەشكەن، گۇرۇھلاشقان باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشقا يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇملىرىنىڭ پىشقان تىجارەت تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشى، راۋان ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ما يىلېي.

«ئۇچۇش» ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتە پامىر ماركىسىنى ياڭرىتىش

تاشقورغان يۇلتۇزلارنى «تۇتقىلى» بولىدىغان جاي. بۇ يىل 6 ـ ئايدا، بۇ ناھىيە شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ «شىنجاڭدىكى يۇلتۇزلۇق شەھەر» كىلىمات ماركىسى بويىچە بېكىتىشىدىن ئۆتتى − بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز بېكىتكەن تۇنجى كېلىماتى يۇلتۇز كۆرۈشكە، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان جاي ماركىسى.

«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىنونىڭ كۆرۈنۈش ئېلىش ئورنى بولغان تاشقورغان ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قويۇق خەلق ئۆرپ ئادىتى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر تەلپۈنگەن ۋە مەپتۇن بولغان ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. بۇ ناھىيەدە ھازىر دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن بىرى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ساياھەت كەسپى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي موتورغا ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە، بۇ ناھىيە 698 مىڭ 300 ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋېلىپ، 372 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى.

بۇ ئىككى كۈندە، يىپيېڭى بىر پارچە پامىر ئېگىزلىكى ساياھەت يىرىك پىلانى قەشقەر كوئېنلۇن ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ جېندونىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. «ئىلگىرى پامىر ئېگىزلىكىگە ساياھەتكە بارغاندا يول يىراق بولۇپلا قالماي، قىسمەن ساياھەتچىلەردە ئېگىزلىك تەسىرى كۆرۈلەتتى. ھەر يىلى 7 ـ، 8 ـ ئايلاردا تۇيۇقسىز يۈزبېرىدىغان لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىنمۇ قاتناشنى توسۇپ، سەپەرگە دەخلى قىلاتتى. ھازىر ئايروپىلان بىلەن بىۋاسىتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، سەپەردە ۋاقىت تېجىلىپلا قالماي، قايتىش سەپىرىدە يەنە تاشيولنى تاللىغىلى بولىدۇ، ساياھەتچىلەر پامىر ئېگىزلىكىنى ئەتراپلىق سەيلە قىلالايدۇ.» گاۋ جېندو مۇنداق دېدى: ھازىر ئايروپىلانلىق تاشقورغانغا بېرىپ ساياھەت قىلىش پىلانى توغرىسىدىكى مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرىنى ھەر كۈنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز، ساياھەتچى مەنبەسى چوقۇم كۆپىيىدۇ. يېقىندا، ئۇ تاشقورغانغا جايلاشقان مېھمانخانىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن 42 ئېغىز ياتاق كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلدى.

2022 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، «تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلىكنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. «بىز شەھەر بەرپا قىلىش، مەنزىرە كۆپەيتىش، كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقئارا ئېگىزلىك ئۆرپ ـ ئادەت ساياھىتى شەھىرى بەرپا قىلىمىز. <تۆت لىنىيە، ئىككى ھالقا> ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىگە تايىنىپ، <تۆت لىنىيە، ئىككى ھالقا> پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي، مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان> ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياڭرىتىمىز» دېدى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۇڭ.

ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش

يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، دادىل بۆسۈپ، دادىل سىناق قىلغان تاشقورغانلىقلارنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ۋېيتەي بىيو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لۇ لياڭياۋ بىرىنچى ۋاقىتتا ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ئايروپىلان قاتنىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقاتتى. «ئېگىزلىك شۆجۈسى، قانتېپەر، كىرەش، ماكا، قوتاز گۆشى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئىزچىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودىگەرلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئىلگىرى مەھسۇلاتلار ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل ئارقىلىق قەشقەرگە توشۇلۇپ، ئاندىن ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇلۇپ، ۋاقىت ۋە خىراجەت زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىندى.» لۇ لياڭياۋ مۇنداق دېدى: ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كەڭ بازار بوشلۇقىغا ئېرىشتى، سېتىش سوممىسى يەنىمۇ ئاشىدۇ. ئۇ كېلەر يىلى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېگىزلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، كارخانىنى زورايتىشنى، كۈچەيتىشنى پىلانلىدى.

تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات تومۇرى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. «تاشقورغاندىكى <تىرانسپورت قىيىن بولۇش، سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش> قاتارلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئېگىزلىك ناھىيە بازىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرت بىلەن بولغان قاتناش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توشۇش ئارىلىقىنى قىسقارتىپ، چېگرادىكى ئېگىزلىك، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايونلارنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە <سەپەر ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا بولۇش> مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شۇ جاي ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشتى.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر فەن جۈن مۇنداق بىلدۈردى: تاشقورغاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ پائال سىڭىشىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە تۈرتكە بولىمىز.

2022 ـ يىلى شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدە يۇقىرى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن يىل، موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمى، ئارال تارىم ئايرودۇرۇمى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى، خېجىڭ بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىدا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قۇرۇلۇش باشلىنىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» كۆزلىمە نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كېلەر يىلى ۋە كېيىنكى يىلى، شىنجاڭ باركۆل، بۈگۈر، شىخو، چەرچەن (38 ـ تۇەن) ئايرودۇرۇملىرىدا قۇرۇلۇش باشلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، 2025 ـ يىلى قوبۇقسار، گۇما ئايرودۇرۇملىرىدا قۇرۇلۇش باشلاش مۆلچەرلەنگەن. شۇ چاغدا، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.