تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چىڭ تۇرۇش

− پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرىغا نەزەر (3)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، گاۋ لېي

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «چىڭ تۇرۇش» دېگەن سۆز 170 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىندى.

«ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش» «يولدىن قايماسلىق، ئىرادىدىن يانماسلىقتا چىڭ تۇرۇش» «جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇش» ...

كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بۇ ئاچقۇچلۇق سۆز 100 يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق شىفىرنى ئېچىپ بەردى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، ئىرادىدىن تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش»

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بېيجىڭدىن مەخسۇس شەنشى يەنئەنگە بېرىپ، يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇردى، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلدى.

كىشىلەرنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ دۆلەت مۇزېيىدىكى «گۈللىنىش يولى» ناملىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى؛ پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنىغا ۋە جېجياڭ جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدا تەكرار ـ تەكرار تۇرۇپ، ئۆزى تەكرار ـ تەكرار ئۈلگە كۆرسىتىپ، بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ «قەيەردىن كەلگەنلىكى، قەيەرگە بارىدىغانلىقى»نى ئۇنتۇماسلىققا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى «قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلىدى.

ئاجىز بولۇشتىن قۇدرەتلىك بولۇشقىچە، سان ـ ساناقسىز جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشتىن جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىشكىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەكرار ـ تەكرار ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىپ يەنە تەكرار ـ تەكرار جاسارەت بىلەن ئاتلىنالىشى، بىر غەلىبىدىن يەنە بىر غەلىبىگە يۈرۈش قىلالىشىدىكى سەۋەب، «تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، قەلبتە ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىنقىلابىي ئەقىدىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر قەتئىي، كەسكىن بولغانلىقىدا، باشتىن ـ ئاخىر ئوتتەك چاقناپ تۇرغانلىقىدا».

ماركسىزمغا بولغان ئېتىقادىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھايات ـ ماماتلىق سىناق ئالدىدا ئىرادىسىدىن قايتمىدى، كۈرمىڭ جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خەۋپ ـ خەتەرلەر ئالدىدا قەدىمىنى توختاتمىدى.

تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈلدى، سادىقلىق يەنىلا قەلبلەرگە پۈكۈلدى.

2017 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» دېگەن سۆزلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسىغا كىرگۈزۈلدى.

جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش!

باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا ـ قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە ـ ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرماقتا، پارتىيەمىزنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىردەملىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش»...

ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاشقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر بىردەك بولغان ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز تۈردە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، خەلقنىڭ بەختىنى تەكرار ـ تەكرار يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

«بىز يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنايلى!» كوممۇنىستلار ئەسلىي مەقسىتىنى ئەزەلدىن ئۆزگەرتمىدى، كوممۇنىستلار كۈرەش قىلىشنى مەڭگۈ بوشاشتۇرۇپ قويمايدۇ.

«بارچە مەۋجۇدات ئۆزىنىڭ ئاساسىنى ساقلاپ قالغاندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ھەممە ئىشتا قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ»

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، 2021 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچىنچى تارىخىي قارارنى ئېلان قىلىپ، ئون «چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى «ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش»قا چاقىرىق قىلدى.

چىڭ تۇرىمىز، چۈنكى ھەقىقەت قولىمىزدا.

«بىر كۈنى، بىر يىگىت ئۆيىدە ئىجتىھات بىلەن خەت يېزىۋاتقاندا، ئانىسى سىرتتا تۇرۇپ: <زۇڭزا يېگەندە قارا شېكەر قىيامى قوشىسەن، يېدىڭمۇ؟> دەپ توۋلاپتۇ. ئۇ: <يېدىم، يېدىم، بەكمۇ تاتلىق ئىكەن> دەپتۇ. نەتىجىدە، موماي ئىشىكتىن كىرىپ قارىسا، بۇ يىگىت بېشىنى كۆتۈرمەي خەت يېزىۋاتقان بولۇپ، ئېغىزى پۈتۈنلەي قارا سىياھ بولۇپ كەتكەن ئىكەن».

2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دۆلەت مۇزېيىدىكى «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمە زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە چېن ۋاڭداۋنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نى تەرجىمە قىلىۋاتقاندا، سىياھنى قارا شېكەر دەپ يەپ سالغانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: «ھەقىقەتنىڭ تەمى ئىنتايىن شېرىن».

100 يىلدىن بۇيان، ھەقىقەت ئوزۇقى قەدىمىي زېمىننى ئوزۇقلاندۇرۇپ، گۈللەنگەن دەۋردىكى جۇڭخۇانىڭ مول نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ».

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقى جۇلالىنىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە باشلامچىلىق قىلدى.

چىڭ تۇرىمىز، چۈنكى جاھاندىكى بۇ توغرا يولغا قەدەم قويدۇق.

سىچۇەن مېيشەن تېغى، سەنسۇسى ئىبادەتخانىسىدا قەدىمىي دەرەخلەر ئاسمانغا تاقىشىپ تۇراتتى.

2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئۆرنەك ئېلىش كېرەك، بېكىنمىچىلىك، قاتماللىق قىلىشقا بولمايدۇ، چەت ئەلنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆلچەم قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك».

يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، ئۇ، پارتىيەمىز 100 يىللىق كۈرەش داۋامىدا باشتىن ـ ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىزدىنىپ ھەم شەكىللەندۈرگەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يول.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يولدا توغرا مېڭىپ، راۋان مېڭىپلا قالماي، بەلكى يەنە پۇختا ماڭدۇق، ياخشى ماڭدۇق. بۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولى، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇقەررەر يول. جاھاندىكى بۇ توغرا يولدا ماڭغاندا، پارتىيە ۋە خەلق چەكسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولىدۇ.

«نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەسلىك، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەش»

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن چىڭ تۇرۇشنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. «يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى» «سۇ تامچىسى تاشنى تېشەر» «قولۋاقنى ئېقىنغا قارشى ھەيدىگەندە پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇش كېرەك»... قەدىمكىلەردىن قالغان بۇ پەند ـ نەسىھەتلەر تارىخنىڭ ئىس ـ تۈتەكلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە ئەقىل ـ پاراسىتىنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، «چىڭ تۇرۇش» تېخىمۇ كۆپ يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە قىلىندى.

بۇ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەيسەرلىك.

2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلدى.

بەش يىل ئىلگىرى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى 1 ـ قېتىملىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالما ئوخشاشلا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە قاراپ چىقىش بولدى. بۇ يەنە دەل 10 يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇھىم تېما بولغانىدى.

مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلىرىدا ئوخشاش بىر مەسىلە قايتا ـ قايتا تەكىتلەندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇشۇنداق ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭنى ياخشى قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

«پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» «ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ» «كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك»...

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما «مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش»تەك سەگەكلىك ۋە «باھار شامىلىنى چىللاپ كېلەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك»تەك قەتئىيلىك بىلەن، مەسىلىنى كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمىدى، نىشاننى بېكىتىپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى.

بۇ، «قورغاننى ئالمىغۇچە قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش.

2021 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «نۇقتىلىق يېزا ـ كەنتلەرگە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تەلەپ قىلدى.

تېخى يېقىندىلا، 250 مىڭدىن ئارتۇق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 ـ شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بۇيرۇق بويىچە جەڭگە ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، تۈركۈم ـ تۈركۈم ياش پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەڭ كىيىمىنى يەشمەي قايتا ئىگەرگە چىقىپ، يېڭى بۇرچ ئۈچۈن داۋاملىق جان تىكىپ كۈرەش قىلماقتا.

داۋانغا چىقىش ئۈچۈن چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەھشەتلىك دولقۇنغا تاقابىل تۇرۇشتىمۇ ئوخشاشلا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ ـ خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى ھەر ۋاقىت يۈزبېرىشى مۇمكىن.

پەقەت سىجىل كۈرەش قىلىش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن يېڭى «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.