تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سېتىۋېلىش ـ سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور»نى ياخشى توقۇپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ ياخشى ئىستىقبالىغا تىرەك بولدى

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى:

سېتىۋېلىش ـ سېتىشتىن ئىبارەت «ئىككى تور»نى ياخشى توقۇپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ ياخشى ئىستىقبالىغا تىرەك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويا

بۇ يىل 11 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) جەمئىي 349 مىڭ 900 توننا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىۋالغان، 401 مىڭ 500 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ساتقان. 12 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 12 جايدا قۇرغان ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش، مەركەزلىك تەقسىملەش مەركىزىگە تايىنىپ، چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەرنى سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇردى، ھەرقايسى سودا بازارلىرىدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭنىڭ خاس باغ ـ ئورمانچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات ـ سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاراشلىق شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى سېتىۋېلىش تورى، شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، تەتقىق قىلىپ ئېچىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ماركىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس باغ ـ ئورمانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

12 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرىدىكى يۇغۇرما كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان چاقىلىق گوشۇ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چاقىلىق گوشۇ شىركىتى» دېيىلىدۇ)دە، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە چىلانلارنى ئايرىۋاتاتتى، يۇيۇش، قۇرۇتۇش قاتارلىق پىششىقلاش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ، دانە ـ دانە چىلانلار ئوراپ قاچىلىنىشى نەپىس بولغان قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىغا ئايلانماقتا ئىدى.

«بىز چىلانلىرىمىزنى 11 ـ ئاينىڭ بېشىدىلا چاقىلىق گوشۇ شىركىتىگە سېتىپ بەردۇق، بۇ يىل چىلاندىنلا 70مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، شىركەتنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىدىن مەن ناھايىتى رازى بولدۇم.» تىكەنلىك بازىرى سايباغ كەنتىدىكى چىلان ئۆستۈرگۈچى دېھقان جوۋ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل سىرتتىن چىلان سېتىۋېلىشقا كېلىدىغان سودىگەرلەر كۆرۈنەرلىك ئازايدى، دەسلەپتە مەن چىلان باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، لېكىن گوشۇ شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بىزنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، بىز خاتىرجەم بولدۇق».

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2019 ـ يىلى قۇرۇلغان چاقىلىق گوشۇ شىركىتى «تور ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن تور سىرتى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى توپ سېتىش سودا بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى كىرگۈزدى، نۆۋەتتە سېتىۋېلىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، سودىلىشىش ھەم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى قاتارلىقلار توپلاشقان ئۇنىۋېرسال بازار قۇرۇلدى. چىلاننىڭ نورمال سېتىۋېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن باشلاپ، چاقىلىق گوشۇ شىركىتى چىلان سېتىۋېلىش يېشىل يولىنى ئېچىپ، 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىگىچە، چاقىلىق كۈل رەڭ چىلىنىدىن 4980 توننا سېتىۋالدى.

«يۇقۇم ھەرقايسى جايلاردا چىلان سېتىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چىلان سېتىۋېلىش باھاسىنى تەسىرگە ئۇچراتتى، بىزنىڭ سېتىۋېلىش ئۆلچىمىمىز ئالدى بىلەن چىلان ئۆستۈرگۈچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» دېدى چاقىلىق گوشۇ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ياڭ تاۋ.

«نۆۋەتتە بىز خېنەن، خېبېي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا 2000 توننىدىن ئارتۇق چىلان ئەۋەتتۇق. سېتىش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، بىز يەنە چىلان قەرەللىك مال ھېساب ئۈزۈش ئامبىرىنى يۇغۇرما كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشتۇرۇشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، چىلان سېتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتۇق» دېدى ياڭ تاۋ.

ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 2019 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا باشلىدى، ھەرقايسى چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل 9 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئامانەت ـ قەرز كوپىراتىپلىرى بىرلەشمە كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

زەنجىرنى ئۇزارتىپ، باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئەمەلىي قىممەت»ىنى ئاشۇردى

«چىلان ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار مەكىت ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 560 مىڭ موغا يېتىدۇ. شۇ جاينىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، 2021 ـ يىلى شۇ جايدا مەكىت گوشۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، گۇرۇھنىڭ مېۋە ـ چېۋە پىششىقلاش، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى بازار بايلىقى ۋە كەسپىي كوللېكتىپىغا تايىنىپ، مەكىت چىلىنىنىڭ تېز سۈرئەتتە قالتىس ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2021 ـ يىلى، بۇ شىركەت شۇ جايدا بازارغا تايىنىپ 24 مىڭ 800 توننا چىلان سېتىۋالدى، بۇ يىللىق سېتىۋېلىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەكىت گوشۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە شىركەت چىلاننى يىرىك پىششىقلاشتىن ياغدا پىشۇرۇلغان چىلان، چىلان كەمپۈت، چىلان مۇرابباسى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا ئۆزگىرىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە چىلاننىڭ قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. چىلان پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يەتتىگە كۆپىيىپ، كۈنىگە ھەر خىل تۈردىكى چىلاندىن 150 توننا پىششىقلىيالايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ياغدا پىشۇرۇلغان چىلان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، يىلىغا 5000 توننىدىن ئارتۇق چىلاننى ياغدا پىشۇرۇش مەشغۇلاتى قىلالايدۇ، بۇ چىلاننىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئادەتتىكى چىلاننىڭكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى».

مەكىت گوشۇ شىركىتىگە ئوخشاش، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، چىلان، ياڭاق قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا پىششىقلاشتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا پۈتۈن شىنجاڭدا 76 مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، يېڭى پېتى ساقلاش، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سۈپەتنى تىزگىنلەش، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىلىك پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش، ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بازاردا ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى

12 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، گۇاڭجوۋ شەھىرى بەييۈن رايونى يۆكېن يولىدىكى گوشۇ بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا، ئاقسۇ ئالمىسى، تەملەندۈرۈلگەن ياڭاق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە شۇ جايدا بازىرى ئىتتىك بولغان بولومى، ساۋمېي قاتارلىق مېۋىلەر كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن خېرىدار دۇكاندا تاللاپ سېتىۋالماقتا ئىدى.

بۇ دۇكان شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قارىمىقىدىكى گوشۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىگە تەۋە 1000 دۇكاننىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ھۆل مېۋە سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قۇرۇق مېۋە، مېۋە شەربىتى قاتارلىقلارنى ساتىدۇ.

«بۇ يىل يازدىكى ھۆل مېۋە پەسلىدە، شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن ئاق ئۆرۈك، شىنمېي، نەشپۈت قاتارلىقلار گۇاڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن كونا خېرىدارنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنمېي ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىپ، دۇكاننىڭ شۇ چاغدىكى يەككە مەھسۇلات سېتىش ئۈلۈشىنىڭ %30ىگە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىدى» دېدى گوشۇ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار باش نازارەتچىسى تاڭ يىڭ.

«شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ھۆل مېۋىلەرنىڭ بازاردا سېتىلىش ۋاقتى قىسقا، شۇڭا بىزنىڭ قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىمىز تېخىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇلتۇردىن باشلاپ، 185 نومۇرلۇق قەغەز ياڭاقتىن ئىشلەپچىقىرىلغان دورا ـ دەرمەك بىلەن تەملەندۈرۈلگەن ياڭاقنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، كىچىك ئورالمىلىق بىر كىلوگىرام كېلىدىغان يەشىكلىك ياڭاقنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 59 يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە خۇانەن توپ سېتىش بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چاقىلىق ئۇرۇقسىز كۈل رەڭ چىلىنىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولۇپ، ناھايىتى تەملىك، بىخەتەر ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان بولغاچقا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.» تاڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «خۇانەن بازىرىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك مېۋىلەر، ئىنچىكە پىششىقلانغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى خېرىدارلارنىڭ ناھايىتى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاشنى تېزلىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

شىنجاڭ سىرتىدىكى سېتىش تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ھەرقايسى جايلاردىكى داڭلىق 3 ـ تەرەپ سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى»نى سۇپا قىلغان، «شىيۈ گويۈەن»نى ۋەكىل قىلغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى شەكىللەندۈردى، 5000دىن ئارتۇق تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار دۇكىنى، مەخسۇس پوكەي ھەم سېتىش تور نۇقتىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ مەركىزىي شەھەرلەرگە تارقالدى.

شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «ئىككى تور» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، 2018 ـ يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە شىركەت سېتىۋالغان، ساتقان، سودىلاشقان تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 10 مىليون توننىغا يېقىنلاشتى؛ «شىركەت + دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» «بازا + زاكاز + دېھقان ئائىلىسى» قاتارلىق شەكىللەرگە تايىنىپ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 1 مىليوندىن ئارتۇق يېزا نوپۇسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت كەسىپ زەنجىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «باغ ـ ئورمانچىلىق +» كۆپ كەسىپ ھالىتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.